يۇرت سۆيگۈسى
 يۇرت سۆيگۈسى
 
 ئاتۇش
ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
 
ئاتۇش دىسەم سۆيۈنەر دىلىم،
چۈشتى شۇ يەرگە كىندىك قېنىم.
بۇلاق سۇلىرى زەمزەم كەبى،
چىقماس ئېسىمدىن باللىق چىغىم.

شېرىنلىكتە بۇلاق سۇلىرىم،
ساسنى بويلاپ شۇنداق ماڭاتتىم.
قولۇمدا قامچا بايتاللىرىم،
ئارغىماق بولاتتى بوستانلرىم.

تۈرىك دەپ شۇنداق ئاتالدۇق ھەم،
بولغاچ بىزدە سۇلتان قاراخانىم.
ھەر دۈشەنبە بازارى بار ھەم،
قوشاق ئەيتىپ بارار نىزارىم.

ئەستىن چىقمايدۇ ھەم شۇ كۈنلەر،
چوڭ-كىچىك دوستلارىم بىلەن.
شەھەرمۇ-شەھەردىن كەلگەنلەر،
ئاۋات قىلاردى زىيارەت بىلەن.

ساپ ھاۋادا شۇنداق يېتىلدۇق،
تاغ سۆيى چۈشتى تاشتىن-تاشقا.
ئەكەك سۇلار ئۇرلۇپ ھەر ياققا،
ئىمان بىلەن يېتىلدۇق باشتا.

ئاق ناۋاتتەق شېرىن مۇناقىلار،
قەھرىۋادەك پاقىرايتى ھامان.
تىنى ياردىغان شۇ ئەنجۈرلار،
ئەسلىتىپ ئۆسمۈر چاغنى ھامان.

ئەمدى ياشلىق چاغلىرىم كەتتى،
ئەسلىتىپ شۇ نادان چاغلارنى.
ئازاق بويلاپ ماڭدىم يەنە شۇ،
ئۆتمىشىم بار شۇ ئازاقىمنى.
 
ئاتۇش،2014-يىلى ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم






161 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-11 16:59:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ