سەن بولغان بولساڭ
پەرھات
سەن كىتىپلا تەنھا قالدىم كۈلكەيىم تامان ،
دىلىم سۇنۇق غېرىپسىندىم رەڭگىم ھەم سامان .
بولغان بولساڭ ھالىم بۇنچە بولماستى يامان ،
غېرىپلىقتا قالارمىدىم سەن بولغان بولساڭ .
سەن يوق ھالىم شۇنچە نىچۈك كۆرمۈدۈم ئارام ،
ئويلارسەنمۇ نىمە ھالدا يۈرگەندۇ بالام .
يوقلۇقۇڭنىڭ دەردىدە ئاغرارا بۇ دۇلام ،
بۇ جاپالار مىنەرمىدى سەن بولغان بولساڭ .
توڭلار بولسام سوغاقلاردا ھەمراھىم ئىدىڭ ،
دەت ئەلەمدە ياتار بولسام غەمخانىم ئىدىڭ .
قايدىن تاپاي مېھرىبانىم پەقەت سەن ئىدىڭ،
يىغلارمىدىم بۇ تۈنلەردە سەن بولغان بولساڭ .
تاپار بولسا قايغۇ ئەلەم ئىزلىدىم سىنى ،
قۇتقۇزارمۇ روھىڭ كىلىپ بۇ دەتتىن مىنى .
ئېلىپ كەتكىن بۇ ھىجراندىن جانىم سەن قېنى ،
كۈرەرمىدىم بۇ كۈنلەرنى سەن بولغان بولساڭ .
| 27 قېتىم كۆرۈلدى | پەرھات | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-26 14:53:54 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|