بالاملا قالدى

بالاملا قالدى

 

 ئاپتۇرى: زەينۇرە رەھمۇتۇل

 

كۈتۈپ سېنى قەلىبلەر چارچىدى تالدى،

 رايىڭ مەندىن ئەزىزەم نىمىگە ياندى.

 سېنىڭ بىلەن قوشۇلۇپ كۈلكەم كەتسىمۇ،

سەندىن ماڭا تەۋەرۈك بالاملا قالدى.

 

 گۈلستاندۇر ئائىلەم قىلما زىمىستان،

شۇ ئۆي ئۈچۈن بارلىقىم كۈيىدۇ ياندى.

 تۇغۇلۇپلا پەرزەنتىم يېتىم ئاتالىپ،

ماڭا ھەمراھ ۋە تۆۋرۈك بالاملا قالدى.

 

 ھېچ بىلمىدىم نەدىن كەلدى جۇدۇن شىۋىرغان،

 ھېچكىم بىلمەس ئىچ ئىچىمدە ئۈنسىزدۇر يىغام.

 خانىمىزگە چۈشتى بىر داغ ئەلەملىك پىغان،

 ئىشەنچىمگە بىر كۆۋرۈك بالاملا قالدى.

 





102 قېتىم كۆرۈلدى 3235-8166 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-2 0:33:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ