بىلەمسەن ھەممىسى مۇھەببەت ئۈچۈن
گۈلئاي باسىت (گۈل)
،
ئاتلىدىڭ بوسۇغا باشچىلاپ ئايال،
سۆيگۈدىن ۋىساللار تاپقاندا كامال،
ئەر ئاتلىق كۆڭلۈڭنى قىلغاندا قامال،
كۆنىسەن ھەممىگە سەندە يوق ئامال،
بىلەمسەن ھەممىسى مۇھەببەت ئۈچۈن.
،
،
قىيالماي ئاناڭغا قارچۇغۇڭدا ياش،
نىكاھنىڭ ئۇلىغا قاتۇرىسەن تاش،
يىللارنىڭ سوغىتى بەرسىمۇ بىر ياش،
تۇرمۇشنىڭ چاپقۇنى ئەگدۈرەلمەس باش،
بىلەمسەن ھەممىسى مۇھەببەت ئۈچۈن.
،
،
بىر ئايال ئاتالغان مىنۇتتىن باشلاپ،
تۇرمۇشنىڭ غەملىرى كېلەر باغاشلاپ،
قىسمەتلەر كەلگەندە كۆزۈڭنى ياشلاپ،
رازىسەن ئوتلاردا كۆيسەڭ چاراسلاپ،
بىلەمسەن ھەممىسى مۇھەببەت ئۈچۈن.
،
،
سېزىكسەن ئەي ئايال بىر مۇھەببەتكە،
تەغدىرىڭ باغلىقتۇر ئەر رەھمىتىگە،
سۆيۈلگىن بىر ئۆمۈر ھايات لىۋىدە،
ئېرىشسەڭ بىر تامچە مېھىر شەپقەتكە،
قەلبىڭدىن تامچىلار سۆيگۈ بەركەتكە.
،
ئايالنىڭ بىر ئۆمۈر بەرگەن بارلىغى،
ھەممىسى ،ھەممىسى مۇھەببەت ئۈچۈن .
| 35 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلئاي باسىت (گۈل) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-21 22:25:17 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|