كۆز تەگدىمۇ ئىلىخو ؟
نۇرمۇھەممەت مۇسا
ئالمىزارلىق باغلىرىڭغا ،
قارىغايزارلىق تاغلىرىڭغا .
جەننەت كەبى چاغلىرىڭغا،
كۆز تەگدىمۇ ئىلىخو ؟

سانسىز چارۋا -ماللىرىڭغا ،
ئالتۇن باشاق دانلىرىڭغا .
تۈگىمەس بايلىق -كانلىرىڭغا ،
كۆز تەگدىمۇ ئىلىخو ؟

يېشىل ئىدىر -يايلىقىڭغا ،
يايلار بوتا -تايلىقىڭغا .
بايتۇقاي ۋە قاينۇقۇڭغا ،
كۆز تەگدىمۇ ئىلىخو ؟

ئانا ماكان ئىلىخو ،
خەلقى ئىشچان ئىلىخو .
تىرىشىمىز ھىلىمۇ ،
كۆز تەگمىسۇن ئىلىخو !
2016-6-22
| 284 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرمۇھەممەت مۇسا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-22 6:35:44 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2016-6-23 10:24:50 | جىڭ كارۋان |
| ئەسىرىڭىز ناھايىتى پاكىز چىقىپتۇ👍 | |
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|