مەمتىمىن ھوشۇر


مەمتىمىن ھوشۇر، 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. غۇلجا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدا خىزمەتچى، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات _ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، كەسپىي يازغۇچى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى 5-نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسەت ئەزاسى، 6-نۆۋەتلىك رىياسەت ئەزاسى،7-نۆۋەتلىك پەخرى ھەيئەت بولۇپ ئىشلىگەن.

مەمتىمىن ھوشۇر، 1965-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1985-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئۇنىڭ «قۇم باسقان شەھەر»، «نەي ئاۋازى»، «كونا ـ يېڭى ئىشلار»، «ئۆلۈككە خەت»، «سالام ھېسام ئاكا»، «ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى»، «ئوت كەتكەن دەريا»، «قىرلىق ئىستاكان»، «بۇرۇت ماجىراسى»،«بۇ چۈش ئەمەس»،«نۇزۇگۇم»،«يىللار شۇنداق ئۆتكەن»،«ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخى بايانى»،«قىرلىق ئىستاكان»،«ئايخان» (16پارچە)قاتارلىق رومان، پوۋېست، ھېكايىلار توپلاملىرى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق تىللىرىدا نەشر قىلىنغان. «بۇ چۈش ئەمەس» ناملىق ھېكايىلار توپلىمى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. «ساۋاقداشلار»، «بۇرۇت ماجىراسى»، «خەيرىلىك سەھەر»، «مۇساپىرلار قاۋىقىدا»، «كۈز يامغۇرى»، «ئۆلۈككە خەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شىنجاڭدىكى تۇرلۇك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.





2267 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-9 15:06:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-26 23:12:51 بۇزۆھرە
يازغۇچىلار سەھىپەڭلار بەك ياخشى چىقىپتۇ. ماڭا ئوخشاش ياشلارغا ۋە ماڭا بەك پايدىسى بار ئىكەن.
2017-3-16 16:22:00 تاھىر مۇھەممەدمەشئەلى
يازغۇچىلار لۇغىتى دېگەن بۇ سەھىپەڭلار ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ، ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا كىلاسسىك، يازغۇچىلىرىمىزنىڭمۇ شەجەرىسىنى مۇكەممەل تونۇشتۇرغان بولساڭلار.
2016-12-16 3:24:22 Abdimijit karkax
nahayit yahxi yiziliptu
2016-10-22 11:04:56 سەھەر
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ناھايتى ياخشى بوپتۇ كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن، بولسا يازغۇچىلار لۇغىتىنى تېخىمۇ كىڭەيتىپ مەخسۇس شائىرلار، يازغۇچىلار ،پسخولوگلار،ناتىقلار ،دەپ تۈرگە ئايرىپ بىر قىسىم ئارىمىزدىكى ھەم ئىلگىرى ئۆتكەن بۈيۈكلىرمىزنى چۈشۈرۈپ قويماي بولسا يەنە ئايرىم ئەسەر ياكى كىتابلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ كېڭەيتىپ بىر قىسقىچە ئەمما مۇكەممەلرەك بولغان تەرجىمھال روياپقا چىقسىكەن ،پايدىلنىش قممتى تېخىمۇ ئاشسىكەن دېگەن ئۈمىتتىمەن،ئىشقىلىپ ئەمگىكىڭلارغا ئاپىرىن
2016-10-13 11:04:34 huxal
bak yahxe boptu .muxundak ber salun kurulup meni bak umutlandude
2016-1-9 14:56:41 ﻣﯘﻧﯩﺮە ﺋﺎﺑﺪۇۋاھﯩﺖ
ﻣﻪﻧﭽﻪ ﺑﯘﻧﺎھﺎﻳﺘﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﻮﭘﺘﯘ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎشيىزىقچىلققا ﻗﯩﺰﻗﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯩﺘﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻳﺎﺷﻼرﻏﺎئلھام ﺑﻮﻟﻐﯘدەك
2015-10-4 12:50:00 ئەركىن مەمتىمىن
يازغۇچىلار لوغىتى دىگەن سەھىپەڭلا بەك ياخشى چىقىپتۇ، ئىمكانىيەت بولسا، مۇشۇ سەھىپەڭلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھازىر يىتىشىۋاتقان ۋە پىشقەدەم يازغۇچى شائىرلارنىڭ تەرجىمىھالىدىن ئۇقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلساڭلار، كۆپ رەھمەت
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ