
ئەختەم ئۆمەر، 1962-يىلى مەكىت ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1981-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى _ كېيىن بولۇپ يېزا ئىتتىپاق كادىرى، قەشقەر شەھەرلىك رادىيۇ ئىستانسىنىڭ دىكتورى، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات _ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى، تەڭرىتاغ كېنو ئىستودىيەسى، شىنجاڭ ناخشا _ ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ سىنارىستى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. 2008-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىن تاللانما»، «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»، «ئاھ، رەھىمسىز دەريا»، «قانلىق جىلغا»، «سەھەرنىڭ قىممىتى»، «يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام»، «يىگانە ئارال» (ئىككى قىسىم)، «ئۆزۈڭگە ئىشەن»، «غېرىپ - سەنەم» قاتارلىق پوۋېست - ھېكايىلەر توپلاملىرى، رومانلىرى بار.
ئۇنىڭ «ئاھ، رەھىمسىز دەريا» ناملىق كىتابى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل» مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە<<تۇلپار>> مۇكاپاتىغا، «تارىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «نۇرتاي ھاجى» ناملىق دىراممىسى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە مۇنەۋۋەر دىرامما مۇكاپاتىغا، «چىن مۇھەببەت» ناملىق تېلۋېزىيە - تىياتىرى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئايرىم ھېكايىلىرى بىرنەچچە قېتىم «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا نائىل بولغان.
| 1461 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
| 2015-8-20 0:33:07 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|