ئەبەيدۇللا ئىبراھىم، 1951-يىلى چېرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1976-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. شۇندىن باشلاپ «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، جۇڭگو قەرەللىك ژۇرناللار جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگو ياشلار گېزىت - ژۇرناللار جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
ئەبەيدۇللا ئىبراھىم 1965-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1985-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. «داغ»، «بوز دالا» قاتارلىق 18پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك ژانىرلاردىكى كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان. ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
1203 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-20 0:34:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-3-8 9:21:07 | مۇھەممەت |
يازغۇچىمىزنى ھەمەيلەن بىلسۇن ، رەھمەت سىلەگە قېرىنداشلىرىم |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|