ئەخەت تۇردى، 1940-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. تۇلۇق كۇرۇس مەلۇماتىغا ئىگە. «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك يازغۇچى ئۇنۋانىغا ئىگە. جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ ھەيئىتى. 1958-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1983-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»، «ھايات شۇنداق»، «ئاي يامغۇرى»، «بەخىتسىز سەئىدىيە»، «سەرسان روھ» قاتارلىق رومانلىرى، «شاۋقۇنلۇق دەريا»، «خەير - خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان»، «ئەلۋىدا كۆز يېشىم»، «گۈلخان» قاتارلىق ھېكايە - پوۋېست توپلاملىرى بار. ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مۇنەۋۋەر پوۋېست مۇكاپاتىغا، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ يېڭى دەۋىردىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر كىتاپ مۇكاپاتىغا، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىتاپ مۇكاپاتىغا، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە 7-نۆۋەتلىك «تۇلپار» مۇكاپاتىغا، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ «تەڭرىياغ ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپات»غا ئېرىشكەن.
1480 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-20 0:38:44 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-9-21 13:51:26 | بۈمەريەم |
بەك ياخشى بىلىملەرگە ئىگە بولدۇق،سىلەرگە رەھمەت |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|