چۈنكى سۆيۈپ قاپتىمەن سېنى (شېئىر) - تۇرسۇنجان

چۈنكى سۆيۈپ قاپتىمەن سېنى

ئاپتۇرى: تۇرسۇنجان قايىم ئىقبالى

تۇنجى قېتىم كۆرگەندە نىگار،
ئوت تۇتاشتى غەمكىن يۈرەككە.
شۇندىن بېرى تاپمىدىم تەسكىن ،
كۆڭلۈم چۈشمەي سەندىن بۆلەككە.

ھەر ئاخشىمى چۈشلىرىمگە يار،
كىرىۋېلىپ تېنىچ قويمايسەن.
تاشلاپ مېنى ئىشقى پىراققا،
قىيناشلارغا ئەجەپ تويمايسەن.

يوللىرىمدىن ئۆتسەڭ گاھىدا،
تاپالمايمەن شۇئان ئۆزۈمنى.
سوراي دىسەم مۇھاببىتىڭنى،
ئېيتالمايمەن يۈرەك سۆزۈمنى.

ۋاز كېچەي دەپ يا كېچەلمىدىم،
سەنمۇ بىر رەت ئويلامسەن مېنى.
خىيالىمدا ئاي چېھرىڭ ھامان،
چۈنكى سۆيۈپ قاپتىمەن سېنى.

2017.3.28 كېچە

ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز تارقاتماڭ  ئىشلەتسىڭىز ئاپتۇرنى ئىزدەڭ

ئاپتۇر ئۈندىدار  1934220673

 تېلفۇن 18167511768
     





90 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-28 18:11:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ