ئۆزۈمنى تونىيالمىدىم

ئۆزۈمنى تونىيالمىدىم

 

ئۆزۈمنى تونىيالمىدىم ،چۈنكى پارتىدا ئىسىلىپ ئولتۇرغان مىسكىن گەۋدە مىنىڭ ئەمەس! ئۆزۈمنى تونىيالمىدىم، چۈنكى سوغۇق گىرىمسەن سۆرۈن چىراي مىنىڭ ئەمەس! ئۆزۈمنى تونىيالمىدىم، تۈرۈلگەن قوشۇما ،ياشانغۇرىغان كۆز، ئۈمچەيگەن ئاۋۇ قانسز لەۋلەرمۇ مىنىڭ ئەمەس ! ئۆزۈمنى تونىيالمىدىم،چۈنكى ھاياتتىن بىزارلىق ھىس قىلىۋاتقان روھ مىنىڭ ئەمەس ! ئۆزۈمنى تونىيالمىدىم،چۈنكى تىنىمسىز كىشىلىك دۇنيارىمنى دەڭسەۋاتقان نا باپ ،ئەسكى ،ئۈمىتسىز خىياللار مىنىڭ ئەمەس! ئۆزۈمنى تونىيالمىدىم،چۈنكى ئاشۇ زىرىكىشلىك ئازاپلىق ھىسلارنى تۇغدۇرغان زىھنى ئارتىپ كەتكەن مىڭە مىنىڭ ئەمەس ! ئەڭ ئەڭ بولمىغىنى گەۋدەمنىڭ سول تەرىپىدە ئەڭ ئەڭ ھەسرەتلىك كۈيلەرنى پىچىرلاۋاتقان ئاجىز ئاۋارە يۈرەك مىنىڭ ئەمەس ! قىنى مەن ؟؟! قىنى ئەسلىم ؟؟! قىنى ۋەسلىم ؟؟! جاۋاپ بەر دۇنيا !؟؟……راسلا ئۆزۈمنى تونۇيالمىدىم ……(>﹏<)غەمسىز كۈلگەن نۇرلۇق چىرايىمنى ،شوخ يۈرىكىمنى ،سۆزلەپ كۈلۈپ توختىمايدىغان زۇۋانداراز لەۋلىرىمنى ،سەرخىل يارقىن كۈنلىرىمنى ،كۈلۈپ قارايدىغان سىخى قۇياشىمنى سىغىندىم……





507 قېتىم كۆرۈلدى arzuyum ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-4 12:29:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ