كەلگىن (شېئىر) - ئابدۇۋارىس ئوسمان

  كەلگىن 

 ئابدۇۋارىس ئوسمان

بولسا كۆڭلۈڭ قايتىپ كەلگىن يېنىمغا،
سىڭىپ كىرگىن مىنىڭ ئاجىز تېنىمغا.  
ئايلىنايلى  بىر   يۈرەكنىڭ   قېنىغا،  
مەڭگۈ سۈيمەن قايتىپ كەلگىن يېنىمغا.

پەس نىيەت مەقسىتىم يوق ئەسلا ساڭا،
بەخىت دىسەڭ بار كۈچۇم تەييار ساڭا.
قاراپ قالدىم يۇلۇڭغا قايتىپ كەلگىن ،
گۇمان قىلما  سۆيگۇمدىن  ئىشەن ماڭا.

خەلقىم دەپلا شېئىردا يېزىپ كەلگەن ،
شۇ خەلقىمنىڭ غېمىدا كۈيۇپ كەلگەن.
ئاشىقىم دەپ ئاشكارا يازدىم شېئىر  ،
ئىشەن بۇ شېئىردا سۆيگۈم چىن كەلگەن.

گەلگىن دېدىم مەجبۇر ئەمەس كۈلۇپ كەل،
سۆيگۈڭ بولسا يايرىم ماڭا ئىشنىپ كەل .
كۆڭلۇڭ بولسا باشقىغا ۋاز كېچىمەن  ،
ئويناشما قەلبىم بىلەن بۇنى بىلىپ كەل .

ئەمما شۇنى ئۇنۇتمىغىن ئامرىقىم ،
ساڭا كۈيۇپ يۈرگۇنۇم راس ئامرىقىم .
ئىشىنىسەن مىنىڭچە سەنمۇ ماڭا ،
جىق ئويلىماي كەلگىن جېنىم ئامرىقىم .

2017.3.8
     





201 قېتىم كۆرۈلدى 944382894 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-9 18:21:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ