سېغىنىش - ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

         سېغىنىش

ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

ئىسىمدە سەن مىنى سۆيگەن شۇ ئاخشام،
قىزىرىپ ئاناردەك بۇلۇپ كەتكىنىڭ.
ئاھۇدەك كۈزۈڭنى چىڭ يۇمۇپ تۇرۇپ،
مەڭزىمگە يىنىك بىر سۈيۈپ قويغىنىڭ.

ئايلانغان ئىدۇق شۇ خىلۋەت باغچىدا،
ئاينى ھەم گۇۋاھ قىپ ۋەدىلەشكەنتۇق،
بۈگۈن مەن يۈرىمەن باغچىدا يالغۇز،
ھەمرادۇر پەقەتلا كونا ئورۇندۇق.

قارايمەن سېغىنىپ سىنى مەن ئايغا،
شۇتاپتا قەبرەڭگە چۈشتى ئاي نۇرى.
ئۆكسۈپ ئۈكۈنۈپ يىغلىماقتىمەن،
يۈزۈمنى يۇيماقتا يۈرەك يامغۇرى.....

   2014.7.19

     





30 قېتىم كۆرۈلدى margimux ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-22 13:24:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ