جىگدىلەر
بۇخەلچەم سادىق سەلكىن
سۇمبۇل چاچلىق قىزلارنىڭ ئوزۇقى سەن جىگدىلەر،
ئاغرىپ ياتقان بىمارنىڭ داۋايىسەن جىگدىلەر.
بۇۋام ئىتقان چۆچەكنىڭ شاھىدى سەن جىگدىلەر ،
ئاشىقلارنىڭ ۋەدىسى گۇۋاھچىسى سەن جىگدىلەر .

تىكىنىڭ بار ئۆزگىچە شاخلىرىڭنى تۇتماق تەس،
جىگدە گۈلنىڭ ئالدىدا ئالما گۈلى گۈل ئەمەس.
شۇڭا دەيمەن جىگدىدە ئاجايىپ بار بىر خىسلەت ،
جىگدە گۈلنىڭ پۇرقىدا ئاشىقلارمۇ بولدى مەس.

باھار كىلىپ ئەتراپنى پۇراقلىرىڭ بىر ئالدى،
جىگدىلىكتە ئاشىقنىڭ مەشۇقلىرى لىق تولدى.
جىگدىلەر بولسۇن گۇۋاھ ئاشىقلارنىڭ بەختىگە ،
قوللار تۇتۇپ بىر جۇپلەر يولىغا راۋان بولدى ،
| 75 قېتىم كۆرۈلدى | سەلكىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-10 14:34:52 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|