ھىجران - سۇلايمان«ئەلتېكىن»ئاۋات

  * *ھىجران* *
سۇلايمان«ئەلتېكىن»ئاۋات

ئون يىللىق ھىجرانىم ئيتىدۇ ناخشا.
ئاساۋلىق دەستىدىن قىيلىنىپ ئۆتتۈم.
قەلبىمنىڭ ئوكيانى گۇيا قوش دولقۇن.
ئۈمتۈلۈش ئىچىدە ئۈنسىزياش تۆكتۈم.

تارىخنىڭ ئىزناسى قىلدۇرسا خىيال.
بەجالىق  ئىلكىدە  ئالىمەن  قۇبۇل.
بورانلار ئۇچۇرۇپ كىلەر ھىدىڭنى.
نەپەستىن ئۇرۇلۇپ يۈرەككە زۇئۇل.

ئۆمۈرنىڭ يىرىمى كىتىپتۇ مەندىن.
ۋىسالسىز مەشۇققا ئۈمۈتلۈك قاراپ.
ئۈلۈمنىڭ ھىدلىرى پۇرايدۇ ھەردەم.
ئەجەلنىڭ ئوقلىرى تۇرماقتا ماراپ.

2016/10/4 كىچە…
     





53 قېتىم كۆرۈلدى سۇلايمان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-4 1:20:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ