كۆزلىرىڭگە تويمايمەن قاراپ
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
تويساممۇ گەر ئاش- نانغا ھەرۋاق،
كۈڭلۈم تويماس سۆيگۈڭگە بىراق .
كۈنلەر ئۇزۇن ، مەنزىللەر ئۇزاق ،
كۆزلىرىڭگە تويمايمەن قاراپ !

سەن بار يەرنى سىزىمەن جەننەت ،
ھەر كۆرگەندە كۆيىمەن بىر رەت.
قەلبمدە سەن پەرىشتە سۈپەت ،
كۆزلىرىڭگە تويمايمەن قاراپ !

چاچساڭمۇ گەر زەھرىڭنى ماڭا ،
بىر قايرىلىپ كۆزۈمگە قارا.
كۆزۈمدە بار سۆيگۈم ئاشكارا،
كۆزلىرىڭگە تويمايمەن قاراپ!

قاچما مەندىن يىنىمدا ئۇلتۇر،
يايرىڭ بولسا سۆيمەيمەن مەجبۇر .
تەقدىم ئىتەي دەستە-دەستە گۈل،
كۆزلىرىڭگە تويمايمەن قاراپ!

خۇمار كۆزۈڭ باھار تىمسالى ،
ئەگمە قېشىڭ ناھار تىمسالى .
مەن مەڭگۈگە سۆيگۈڭ ئېشقدارى ،
كۆزلىرىڭگە تويمايمەن قاراپ !
| 468 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-5-27 20:45:37 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2016-5-28 12:06:40 | روداكيزادە |
| بۇ شېئرىڭئ ياقتۇردۇم، تۇختاۋىسز ئىلگىرلە قىرىندىشىم، ،،سالامەت بولۇڭ،سالامەتلىك سىزگە يار بولغاي. | |
| 2016-5-28 12:06:39 | روداكيزادە |
| بۇ شېئرىڭئ ياقتۇردۇم، تۇختاۋىسز ئىلگىرلە قىرىندىشىم، ،،سالامەت بولۇڭ،سالامەتلىك سىزگە يار بولغاي. | |
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|