باقمىدىم - ئابلىكىم ئابلەت (ئەرتۈرك )

 باقمىدىم
ئابلىكىم ئابلەت (ئەرتۈرك )


قىسمىتىڭ ئازابلىق بولسىمۇ ھايات ،
سىنىڭدىن ئ‍ۈمىدنى ئ‍ۈزۈپ باقمىدىم .
يىغاڭنىڭ كەينىدە كۈلكەڭ بار بەلكىم ،
مەڭگۈگە كۈلگەننى كۆرۈپ باقمىدىم .
 *             *               *               *
ئارلىقى  بىر  تىنىق  ئ‍ۆلۈك  تىرىكنىڭ ،
تىنىقسىز   مىنۇتمۇ   ياشاپ  باقمىدىم .
ياشىغاچ ھەر ئىشتا ھىكمەت باردۇر دەپ،  
ئارتۇقچە سەۋەبنى  ئىزدەپ باقمىدىم .
   *              *             *            *
ئىيتىمەن شۇ زاتقا مىڭلارچە شۈكۈر ،
بەردى كۆپ نىئمەتنى بىلىپ باقمىدىم .
بىراۋلار كۆڭلۈمنى ئ‍اغرىتسىمۇ ھەم ،
مىھرىمنى ئۆزگىدىن ئ‍اياپ  باقمىدىم  .
           -2016.6.23
     





112 قېتىم كۆرۈلدى ئابلىكىم ئابلەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-14 1:08:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-17 0:48:51 omrjan koxmak
bakla yahxi qikiptu yizxni tohtatma gayrat kil
2016-10-16 23:04:34 ئ‍سمايىلجان
شىئىر مەزمۇنى ،ئ‍الغا سۈرۈلگەن مەزمۇنى ،قۇرۇلمىسى ياخشى چىقىپتۇ …👍👍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ