ئۈرۈمچى ئىشقى

ئۈرۈمچى  ئىشقى

 

كەۋسەر

 

 

تەنھالىقتا يۈرگەنىدىم كۆپ مەھەل،

 ئارزۇيۇمدا ئۈرۈمچىنىڭ سىماسى.

 پۇرسەت بەرسە ئەگەر ماڭا بۇ ئەجەل،

 قانار بەلكىم ساڭا كۆزلەر قاراسى.

 

 تالاي يىللار ۋولقان بولغان ئارزۇلار،

 ئاخىر ماڭا گۈل ھۆسنۈڭنى كۆرسەتتى.

 ئارىلىدىم ھەر كوچاڭنى ئۈرۈمچى،

 تىنىقلاردا ھۆر ھاياتلىق يۈرەتتى.

 

 گۈزەل ئىكەن كۆكنى سۆيگەن بىنالار،

ئاشىقلىقىم تۇتتى يېشىل باغچاڭدا.

 مەپتۇنكاركەن سۆزى ئىللىق سىمالار،

تېپىۋالدىم ھۆرمىتىمنى ناخشاڭدا.

 

 ياخشى ئوقۇپ بىر كۈنلىرى كېلىمەن،

 قۇچىقىڭغا يېڭى بىلىم ئالغىلى .

 نەتىجەمدىن ساڭا جاۋاب بېرىمەن،

 رايىڭ بارمۇ مېنى ئىشقا سالغىلى؟





140 قېتىم كۆرۈلدى kawsar ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-4 23:40:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ