قىش -مەتسەيدى بەيدۇللا

 قىش  

مەتسەيدى بەيدۇللا ( كۆلەڭگە )

كەلسە قىش ،
تامدەك تاتىرىپ ،
ھۆل بادىردەك ئ‍ىگىلىپ ·
كەتسە ياز سامان رەڭگىدە ،
تەبىئەتنى كۆيدۈرۈپ ·
چۈچۈل بولدى يۈرەكلەر ،
باش باھارغا تەلپۈنۈپ ·

پاتسا قۇياش ، چىقسا ئ‍اي ،
يۇلتۇزلارنى نىشانلاپ ،
ئ‍وق ئ‍ۈزىدۇ مەرگەن بوۋاي ·
ئ‍اي قۇياشنىڭ سىماسى ،
يۇلتۇز ئ‍اينىڭ ئ‍ىزھارى ·

قىشتىكى ئ‍ىلمان ئ‍اپتاپ ،
تەتۈر قىلىپ دۈمبىسىنى ،
ماڭا قاراپ كۈلىدۇ ·
تەبىئەتنىڭ سوۋغىسى قىروۋ ،
ئ‍انا يەرنى سۈيىدۇ ·

ئ‍ۆزىمىزگە قايتايلى بىز ،
قىشنىڭ تەتۈر جۇۋىسىدا ·
توڭلاپ ئ‍ۆلسەك مەيلى دەيلى ،
بۇ ھاياتنىڭ جۇدۇنىدا ·
مەن كەچمەيمەن مۇھەببەتتىن ،
قىشتا ياغقان تۇنجى قاردىن .

كەتكەنلەرمۇ كىلىدۇ ،
ھاياتلارمۇ ئ‍ۆلىدۇ ،
بوۋام ماڭغان يول بۇيى ،
كۆرمىگەننى كۆرىدۇ .
بىز بولايلى ئ‍اداش ،
قىشنىڭ پىنھان ھۇجىرىسىدا ·
يۈرىكىمىزنى تىڭشايلى ،
ئ‍ورغاق ئ‍ايدا ئ‍اسماندا ·
       
2016-يىلى 11-ئ‍اينىڭ 20-كۈنى

رەھمەت ، ئ‍ەجىرىمگە ھۆرمەت قىلىڭ ! ئ‍ەسىرىمنى كۈچۈرمەڭ !
ئ‍ۈندىدار نۇمۇرۇم : 1065492844
تېلىفۇن نۇمۇرۇم : 18199031982
     





160 قېتىم كۆرۈلدى 101520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-23 22:14:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-3 19:23:42 يۈسۈپجان
بەك ئىسېل يېزىلغان شېئىرلار ئىكەن بولۇپمۇ مەتسەيدى بەيدۇللا مۇئەللىمنىڭ شېئىرىنى بەك ياقتۇردۇم ! تېخىمۇ تىرىشىڭ مۇئەللىم 🌹🌹🌹🌹
2016-12-1 21:32:07 ئاماننىساخان مەتسەيدى
مالىم ياخشىمۇ سىز !ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق تىنىڭىزنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
2016-12-1 14:56:06 ياسىنجان
قەلىمىڭىزگە دەرت بەرمىسۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ