قىران سۆيگۈ

 قىران سۆيگۈ
ھەبىبۇللا نوھ ئ‍ەسرار

يۈرۈكۈمدىن چىققان بۇ سۆيگۈ،
40يىلنى ئ‍ۇزاتتى ئ‍ۈنلەپ.
قىران سۆيگۈ دەيمەن شۇڭا مەن،
ھەر يىشىنى ئ‍ۆتتى پېتىقلاپ.

ھەر كۈنىدە كۈلىدۇ بەخىت،
40يىللىق سۆيگۈ يېشىغا.
بەزىلەرمۇ قىلىدۇ ھەسەت،
چىدىيالماي شائىر بالىغا.

سۆيگۈ دىگەن بۇلا ئ‍ەمەستۇر،
بەرنا يىگىت، رەنا قىزلارنىڭ.
قاغجىرىغان يەرنى سۇغۇرۇش،
سۆيگۈسى ئ‍ۇ ئ‍ەزىز ۋەتەننىڭ.

قىرىق ياشتىن ھالقىغان سۆيگۈ،
قىران سۆيگۈ ئ‍ۇ پىشقان سۆيگۈ.
ئ‍ارنى بۇزما ئ‍اۋارە بولما،
پارچىلانماس ئ‍ەمدى بۇ سۆيگۈ.

قىران سۆيگۈ ئ‍اشۇنداق سۆيگۈ،
يۇرت سۆيگۈسى قۇشۇلغان سۆيگۈ.
خىزمەت ياكى تۇرمۇشتا پىشقان،
يۈرەك رېشتى قېتىلغان سۆيگۈ.
     





89 قېتىم كۆرۈلدى asrar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-16 8:23:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ