شۇ نۇقتا…

         شۇ نۇقتا

زۈمەر

ئۇزۇن ئەمەس بۇ يولمۇ،ھامان تۈگەيدۇ،
مېڭىپ،
مېڭىپ،
يېتىمەن ھامان بىر كۈن،
مەن چۆگىلەپ ئايلىنىۋاتقان،
شۇ نۇقتىغا،
گاھ مېنى،گاھ مەن ئۇنى ئايلىنىدىغان،
ئۆزۈمگە ئايلىنىدىغان،
قايتا تۇغىلىدىغان،
مەن«مەن»بولىدىغان،
ياكى مەن«شۇ»بولىدىغان،
سىرلىق نۇقتىغا…
بىلمىگەنلەر ئۈچۈن دۇنيا،
بىلگەنلەر ئۈچۈن سوۋغا،
غەۋغا قوزغىغان،
بىر مەھەل يېتىپ ئۇخلىغان،
ئۆز رېتىدە ئۆزىنى مۇشتلىغان،
مىڭ پۇشايمان پايلىماي،
يۈرەكنى ئەزگەن،
شۇ نۇقتا،
كۈتەر بىزنى ھەر زامان،
مەن بارىمەن ھامان،
سەنمۇ ھەم،
يا قىلغىنىم بىلەن،يا قىلىنغىنىم بىلەن،
ۋەسسالام تۈگەر بۇ زامان،
ئۇزۇن ئەمەس بۇ يولمۇ،
تۈگەر ھامان،
مېڭىپ،
مېڭىپ…

2017.يىلى1.ئاي(قەشقەر)
مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار : 2041420589





101 قېتىم كۆرۈلدى zumar ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-6 11:24:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ