ئۆكسىمەيدۇ ھەرئان سېغىنىش
(ئانامنى ئەسلەپ )
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى
ياش تۆكەركەن ئايەم كەلگەندە ،
ئاتىسزلار قىينىغاچ پىغان .
ئانىسىزلار مىسلىسىز غەمدە ،
تار كەلگەندەك پايانسىز جاھان .
بىلسەڭ مەنمۇ ئوخشاشلا يېتىم ،
تۇيغۇ نىمجان -ئېزەر تېۋىنىش .
تەرتىپسىزدۇر يۈرەكتە رېتىم ،
ئۆكسىمەيدۇ ھەردەم سېغىنىش .
ئۆسمۈرلۈكتە ئاتىسىز قالدىم ،
كەتتى غۇلاپ يۆلەنگەن تېغىم .
بۇرچىنى ئۆز زىممەمگە ئالدىم ،
ھېچ ئارامسىز ئىشلەپ بىتىنىم .
ئاجىز ئانام ،بەش بىر تۇققىنىم ،
ئالدى تۆرگە پاناھىمىز دەپ .
كەتمەن ،ساپان بولدى تۇتقىنىم ،
خامانلاردا قالدىم كۆپ تۈنەپ .
ئۆرلەپ ئوقۇش ئوتلۇق ئىستىگىم ،
ئاھ ،بىر چۈشكە ئايلاندى نىتەي ؟
ھاياتىمدا ئازاپلىق رېتىم ،
بەختىم بېشى قېيىپ قىلدى قەي .
ئىنقىلاپمۇ 1@ ئاشقاچقا چەكتىن ،
ئىسكەنجىگە ئالدى جاھاننى .
ئېلىم -سېتىم چەكلەندى كەسكىن ،
مۇدھىش تۇمان باستى ھەر ياننى .
تۇخۇم ساتساڭ ئېغىر جىنايەت ،
( يۈزلىنەتتى ئۆلمەي قىيامەت .)
كۈن -تۈن ئىشلەپ چەكسەڭ رىيازەت ،
تەگمەس ئىدى قولغا دارامەت.
ئانام يىغلاپ باغرىغا باسقان ،
ئەزگىنىدە ئېتىز مېھنىتى .
كۆڭلى -كۆكسى كائىناتسىمان ،
بىباھاكەن مېھرى ،ھىممىتى .
ياشلىغىدا ئىدى تۇلۇن ئاي ،
ئەۋلات ئۈچۈن بولغان ئىدى قۇل .
ئۆگەيلىكنىڭ دەردىن تارتقۇزماي ،
ئوتتۇز يىلنى ئۆتكۈزگەنتى تۇل .
تۆلەيدۇ كىم بۇنداق زور بەدەل ،
باھارىنى ئەيلىشىپ خازان ؟!
ئانىلارنىڭ شەپقىتى ئەۋزەل ،
ئايىغىدا تىزلىنار خاقان !
قىلدى ھەتتەڭ باقىيغا سەپەر ،
كۆرسىتەلمەي بىزلەر ھېچ راھەت .
پۇچىلىنار قەلبىم شۇ قەدەر ،
بۇرچ ئادا ئەتمىگەن ھالەت .
چاقنار ئىدى چېھرىدە قۇياش ،
كۆزلىرىدە مېھىر زىياسى .
تەڭدىشى يوق غەمگۈزار قاياش ،
قىيامەتتۇر ئۇنىڭ قازاسى .....
ئاچتى قۇچاق ئىسلاھات دەۋرى ،
كەڭ يول ئاچتى دانا سىياسەت ،
ئۇلۇغلاندى ئەل -ئاۋام قەدرى ،
تەرەققىيات بەرگەچ كاپالەت .
ئوڭشالغاچقا سوللۇق كېسىلى 2@،
قوۋناق تۇرمۇش ئاچتى خۇشچىراي .
توققۇزىم تەل - مۇھتاجلىق نېرى ،
يۈتتۈم ئازاپ بىلسەڭ بىر تالاي .
ئۇنىڭ مېھرى ئەزىم دەرياكەن ،
يايرىغاي جان ھەردەم يۆلەنسەڭ .
باغرى ئىللىق كەڭرى دۇنياكەن ،
سۆيگۈسىگە ھەردەم بۆلەنسەڭ .
تار كەلمەكتە ياسىداق ساراي ،
قۇرۇق قەغەز ھەمياندىكى پۇل .
مۇسىبەتتە روھىم زەپ گاداي ،
ئېتەلمىدىم بۇ ھالنى قۇبۇل ...
بولغىنىمدا مەنمۇ بالىلىق ،
ئانام قەدرى ئۆتۈلدى راسا .
ئىنساندا كۆپ ئىكەن چالىلىق ،
پۇشايمانغا يوق قاچا ،ئەسلا !
ئەزىز ئانام بولسىدى ھايات ،
پاراغەتنى بىرلىكتە سۈرسە .
قۇت -بەخىتتىن دىلى كۈلۈپ شاد ،
نەۋرىلەرنىڭ مەڭزىگەسۆيسە .
كەتتى نىتەي كەلمەس سەپەرگە ،
يۈرىكىمنى ئېتىپ مىڭ پارە .
كۆمۈلگەندە ئاھ ،قارا يەرگە ،
تېپىلماسكەن دىدارغا چارە .
خىيالىمدا نۇرلۇق ئوبرازى ،
يېگەن ئېشىم سىڭمايدۇ ئەسلا .
ھاياتلىقتا قىلالماي رازى ،
نادامىتىم ئاتىدۇ پەشۋا .
شۇ سەۋەپلىك قىينار مۇسىبەت ،
ھېسلىرىمنى كىشەنلەپ پىغان .
پىراق ئوتى ئۆرتەيدۇ قەۋەت ،
روھىم سۇلغۇن ،ۋۇجۇدۇم نىمجان .
ھەسرەت بۇتاپ يەتتى چەككىچە ،
ھەر تىنىققا سېغىنىشلار جەم .
بۇ ھال ئادەت ئەجەل يەتكىچە ،
غەگۈزار سىز كۈنلىرىم ماتەم !
1@ ئىنقىلاپ -ئاتالمىش "مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى" دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ .
2@ سوللۇق كېسىلى -ئەينى دەۋىردىكى سولچىل خاتا لۇشيەننى كۆرسىتىدۇ .
ئاپتور : بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن
2017.3.20
| 2655 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-25 18:09:16 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|