< < ئاشىق >> شىئېر
ئاپتۇرى _مەمەتجان سامساق
سۈكۈتلەرگە چۆكتى بۇ دۇنيا ،
مۇھەببەتنى يىتىم قالدۇرۇپ ·
ئاشىق كۈزى نەمدەلدى تۈندە ،
كىرپىكلەرگە مارجان قوندۇرۇپ·
چاقىرارمەن ئىسمىڭنى ھەردەم ،
چۈش كۆرگەندەك پىچىرلاپ كۈندە·
سەن قەلبىمنى ئەسىر قىلغان يار ،
ئۇيقۇ بەرمەي قىينايسەن تۈندە ·
كۆڭۈل دىگەن شۇنداق نەرسىمۇ ،
سۆيگەن يارنى ئۇنتالمايدىغان ،
بۇلۇپ قالدىم ئىشقىڭدا بىمار ،
تەييار ئاشنىمۇ يۇتالمايدىغان ·
دەرىت ئازاپلار تولدى يۈرەككە ،
بەرمەس جانغا ئارام ۋە شادلىق ·
سېنى ئەسلەپ سەۋدايى بولدۇم ،
كۈلۈپ بەرگىن ماڭا بىر تاتلىق ·
ئەلمىساقتىن شۇنداقمۇ جاھان ،
دەرىت ھەسرەتنى ئاشىقلار يۇتۇش·
مەشۇقلارغا قىلىنغان ھۆكۈم ،
ئاشىقلارنى دەرتتە قالدۇرۇش ·
سۈكۈتلەرگە چۆكمە ئەي دۇنيا ،
پاك سۆيگۈمنى قۇبۇل ئەتسۇن يار ·
قىيناشلىرىڭ جېنىمدىن ئۆتتى ،
دىلبىرىم ئالدىدا قىلما مىنى خار ·
سېغىنىش يۈرەكتە ئوت بۇلۇپ ياندى،
ئاھۇ زار پەريادىم يەتتى پەلەككە ·
دوزاقتۇر بۇ دۇنيا سېنىڭسىز ياشاش،
يەتكۈزگىن دىلبىرىم كۈتكەن تىلەككە ·
قۇتقازغىن دىلبىرىم ئازاپتىن تېزراق،
ياشايچۇ مەنمۇ ھەم سەن بىلەن ئىناق·
جەننەتكە باشلىسۇن ياراتقان ئىگەم ،
سۆيگۈمىز تاپسۇن كۈنسىرى روناق·
ئارزۇيۇم تىلىكىم كۈتكىنىم كەلسە ،
گۈللەرمۇ قۇرىماس يازلىرى كەتسە.
قەلبىلەر تۆرىدە جىلۋە قىپ ھايات ،
ئاشىققا مەشۇقنى بەخىش ئەتسە·
سەۋدالىق ئىلكىدە ياندىم ئوت بۇلۇپ ،
يۈرەكنى قىينىما ئەمدى جۇت بۇلۇپ ·
ھەسرەتلىك ياشلىرىم كۆزلەردە مارجان ،
ئېلىپلا كەتتىڭ سەن يۈرەكنى يۇلۇپ ·
ئاپتۇرى -ئاقسۇ شەھىرى قارتال بازىرىدىن مەمەتجان سامساق
تىلفۇن ئالاقە ئۈندىدار نۇمۇرۇم ، 15599755288
| 661 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سامساق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-8-11 1:38:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|