2016 -يىلى
نۇردۇن تىلىۋالدى دىلكەش
ۋاقىت رەھىمسىز ئەمەس ،
يىللار ئۆتكۈزەلمەس زەررىچە جىنايەت !
ئىنسان -- بىلىپ تۇرۇپ ئېزىپ قالغۇچىدۇر ،
ئىنسان - ماھيەتتىن كۆرە شەكىلگە
ئېتىبار بەرگۈچىدۇر ،
ئىنسان -- شەيتان بىلەن پەرىشتە ئارىسدا<< گاڭگىراپ >> قالغۇچىدۇر ،
يەنە قارغاپ قويغۇچىدۇر
ئاسىلىقتىن بايراق ،
پاسىقلىقتىن ياراق كۆتۈرۈپ گۈزەل زاماننى ...
پەسكەشلىكتۇر زاماننى قارغاش !
قورقۇنچلۇقتۇر ...
بەكمۇ قورقۇنچلۇقتۇر
يىللارغا جىنايەت ئارىتقانلار !
ھېسياتقا يۈك ئارتىپ
تۇيغۇلارغا رەڭ بېرىشكە ئىنتىلگۈچىلەر ...
مېنى شائىر دىگۈچىلەر بار
شېئىر يازدىغانلىغىمنى بىلدىغانلىغى ئۈچۈنلا .
ئەپسۇس
ئۇلار بىلەلمەس
شېئىر يازغىنىمدا ئۆزۈمنى قانچە رەت
نەپرەتنىڭ يوغان قارا مىلتىقىدا ئېتىپ تاشلاپ
روھىمنىڭ ئۆتمەتۆشۈك بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى .
بىلەلمەيدۇ تېخى
دار ئارغامچىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپمۇ كەتمنى بىلەن كەلگۈسى يارىتش ئارزۇسغا بۆلەنگەن قېرىنداشىلىرىمنى سېغىندىغنىمنى ...
كۆرەلمەيدۇ
يۈرىكمنىڭ ئىسسىق بەلبىغىدا
چىقىۋاتقان قارا بوراننى ..
شېئىر يازغۇم كېلىدۇ
يىللار... ھەققىدە
ۋاقىتنىڭ تاتلىق لەۋلىردە چۈشلەرنى كۆرۈپ ،،،
2016 - يىلدا دۇنيا كۆرىۋاتقان چۈشلەرگە چۈشۈمنى قېتىپ .
چۈشۈمنى تۇتۋالالماس بوپقالدىم
تۇتۋالالمىغاندەك بالىلىقىمنى . ..
كۈنلىرىمدىن تۈنلىرىمنى ئايرىپ چىقىمەن
چۈش دەرياسىغا چۆمۈلمەك بولۇپ .
سۈر،ھەيۋە،
ساراسىمە ،
جىددىيلىك ،
كىملىك يۈتتۈرۋېتىپ تاپالماسلىق ،
قارا ، ئۇزۇن قوللار ،
قاغىلارنىڭ مەنىسىز قاقىلداشلىرى ،
غەم تولغان ئۆي ،
يول ئىچدە تۇرۇپمۇ ماڭالماسلىق ،
چۈشلىرىمنىڭ مەركىزى ئىدىيسىدۇر .
چەكسىز بەخىت تىلەيمەن
2016- يىلغا ،
ئۇنىڭ
يېزىغا ،
كۈزىگە ،
قىشىغا ،
شاملىغا،
يامغۇرىغا ،
بەرگەن تالاي نېئمەتلىرىگە ....
ۋاقىتتا گۇناھ يوق ، ئىنسان ئويلانسۇن ،
ئويلانماسلىق-- مۇنقەرىز بۇلۇشتۇر ،
تۇيغۇمنىڭ ھەربىر زەررىسىدە
مۇنازىرە ،
مۇتائىلە .
خەيىر كېچە ئۇخلىۋالسۇن
يۈرىكىمگە بېشىنى قۇيۇپ ،
2016- يىل
مەنمۇ كىرەي يېڭى ئېراغا ،
قوللىرىڭنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ .
2016-يىلى 18-ئۆكتەبىر
55 قېتىم كۆرۈلدى | نۇدۇن تىلىۋالدى دىلكەش | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-20 23:55:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|