ئەجداتلار رويىغا
 ئەجداتلار روھىغا
 
ئەجداتلار روھىغا ئۇقۇپ مەدىيە،
تالمايمىز ئۇلارنىڭ بىسىپ ئىزدىن.
ئەسلەپ ئۇلارنى ھەرقاچان شۇنداق،
ئۆلگە ئىلىپ بىزلەر مەخمۇت ئىزدىن. 

بوۋام قاراخان،بۇغرا ئاتىلار،
قالدۇرۇپ كەتكەن يۈسۈپ ئىزىدىن.
ئۈگەتتى شۇڭلاشقا ئەقىل ئىزىنى،
ئەسلىتىپ بىزلەرنى تارىخ ئىزدىن.

ھون،ئوغۇزخانىم كۆك تۈرىكلەردىن،
ئىلىپ ئىزنالار بۈلدۈرۈپ بىزگە.
يۈسۈپ قادىرخان،ئارسىلانخانلا،
بولغان شۇڭلاشقا بۈيۈك ئىشلاردا.

قارىسام يېراقتىن ئۇلارغا شۇنداق،
يازسام تۈگىمەيدۇ  ئۇلارغا مەدىيە.
تارىخ ئىزناس بۈيۈك ئىكەن شۇنداق،
ئەجدات روھىغا ئوقۇيمەن مەدىيە.

ئۇنۇتماي ئۇلارنى ھەرقاچان شۇنداق،
يېتىلىمىز بىزمۇ ئاخىرى شۇنداق.
ماڭساق ئىزلاردىن ئۆچمەيدۇ ئىزلار،
قالدۇرۇپ ئەۋلاتقا بۈيۈك ئىشتىياق.

ئەسلەيمىز شۇڭلاشقا ئەجدات روھىنى،
ئۇنۇتماستىن ئۇلارنىڭ ئىسىل نامىنى.
چامدايمىز ھارماستىن ئالغا قاراپ بىز،
تىكلەيمىز ئەۋلاتقا ئەجدات روھىنى.
 
2015-يىلى 5-ئۆكتەبىر
ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم




125 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-5 17:36:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ