موما مەندىن رازى بولۇڭسىز (شېئىر) - تۇرسۇنجان قايىم

موما مەندىن رازى بولۇڭسىز

ئاپتۇرى: تۇرسۇنجان قايىم ئىقبالى

ئــەنسزگىنـە سـايرىغانـدا تېلفونۇم،
يەتتى ماڭا قورقۇنۇچلۇق شۇم خەۋەر.
بىرئاغىرىقتا يۈرەك قاتتىق مۇجۇلۇپ،
تىتىرەك باستى ۋۇجۇدۇمنى نەقەدەر.

كـۆرەلمىدىم يـۈزىڭىزنى جان موما،
خوشلاشمايلا ئايرىلدىڭىز بىزلەردىن.
جـۇدالىققا چىـدىيالماي ئاھ ئـۇرۇپ،
ھەسىرەتلىك ياش ئاقتىغۇ كۆزلەردىن.

مومكىن بولسا ياتار ئىدىم سىز بىلەن،
ئاشۇ سۈرلۇك قاپقاراڭغۇ قەبرىدە.
قايتۇرالماي ھىچ بىر جاۋاب قايغۇردۇم،
چوڭ بولغانغۇ سىز مومامنىڭ ئەجىرىدە.

مەن بىۋاپا ھەم ۋىجدانسىز ئىكەنمەن،
جېنىم موما مەنـدىن رازى بولۇڭسىز.
چىن دىلىمدىن تىلەك تىلەي ئانىجان،
جەننەتلەردە خۇش پۇراققا تۇلۇڭسىز.

2017.3.30
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ، نامسىز تارقاتماڭ!

ئاپتۇر ئۈندىدار: 1934220673
     





51 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-1 3:15:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ