زەپ سېغىندىم سېنى بۇ كېچە
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى
يىتەلمىدىم ۋىسالىڭغا بەس ،
زەپ سېغىندىم سېنى بۇ كېچە !
مەن سېنىڭسز يايرىغان ئەمەس ،
زەپ سېغىندىم سېنى بۇ كېچە !
تولۇن ئاينىڭ زىياسى تۇتۇق ،
نۇرى ئۆچكەن زېمىندىن تۇلۇق .
سەن مېنىڭدىن كەچكەن تۇرۇقلۇق ،
زەپ سېغىندىم سېنى بۇ كېچە !
جىسمىم پارە قانغا بويالغان ،
تىرەم شۇ تاپ تەتۈر سويۇلغان .
ئوندا سېنىڭ نامىڭ ئويۇلغان ،
زەپ سېغىندىم سېنى بۇ كېچە !
ئۇنتالمىدىم ، نىگاھىمدا سەن ،
ئەزىز مېھمان ، پەگايىمدا سەن .
پاك ياشايسەن دۇنيايىمدا سەن ،
زەپ سېغىندىم سېنى بۇ كېچە !
باسالمىدى ئۇرنۇڭنى ھېچكىم ،
كەلمەي قويدى يوقلاپمۇ بىر كىم .
يىپىپ قالدى دېرىزەممۇ ھىم ،
زەپ سېغىندىم سېنى بۇ كېچە !
سەن سالغان ئوت ئۈنسىز بەلگىمۇ ؟
يا ، بۇ يۈرەك ساڭا تەۋەمۇ ؟
مەن ئۇۋالىڭ تا ئۆلگىچىمۇ ؟
زەپ سېغىندىم سېنى بۇ كېچە !
| 95 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-5 16:58:22 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|