تەغدىر شۇنداق پۈتكەنمۇ (شېئىر) - ياسىنجان رۇزى

تەغدىر شۇنداق پۈتكەنمۇ (شېئىر) 

 ياسىنجان رۇزى


ئاشىق بۇلۇپ مەن ساڭا ،
مەشۇق بۇلۇپ سەن ماڭا .
ئۆتكەن ئىدۇق بىر مەھەل،
شۇنچە شىرىن ھاياتتا .

ۋەدە قىلغان سەن ماڭا ،
ئەيلىگەن مەن جان پىدا .
ئەپسۇس قارا باسقاندەك ،
بولدۇق بۈگۈن بىز جۇدا.

ئۆتمۇش بولدى سۈيۈشلەر ،
چىن ئەقىدە كۈيۈشلەر .
مۇھاببەتنىڭ بېغىدا ،
بىرگە ئويناپ كۈلۈشلەر .

سۇلدى سۆيگۈ گۈلىمىز ،
ئەرزىمەس جۇد قوينىدا.
تەغدىر شۇنداق پۈتكەنمۇ؟
بولدۇق نىچۈن بىز جۇدا.

ئاپتۇر :خېجىڭ ناھىيسىدىن
     





135 قېتىم كۆرۈلدى ياسىنجان رۇزى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-29 9:13:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-3 18:06:08 جەمىلە
بەكلا ياخشى يېزىپتۇ...
2017-4-3 18:03:24 LaYli
بەك ياخشى يېزىپ سىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ