ئوغرى يوقتى ئەزەلدىن

ئوغرى يوقتى ئەزەلدىن بۇ مىللەتتە ئۇيغۇردا،

ئويلاپ باققىن سەن بۇنى كىچىككىنە غۇرۇردا.

 سەنمۇ ئادەم بولدۇڭمۇ چوڭ بولغانمۇ ئېغىلدا،

 بالاڭ يۈتسە سېنىڭمۇ گۆش يۈرۈكۈڭ جىغىلدا.

 

 بۇلاپ كەتتىڭ سەبىنى ئىللىق ماكان قوينىدىن،

 ئاتا ئانا ئەھلى يۇرىت زار يىغلىدى كەينىدىن.

بالا ئىشقى ياماندۇر بىلسەڭ ئەگەر ھەممىدىن،

تۆرەلدىڭمۇ بىلمىدىم ئۆزۈڭ ھايۋان نەسلىدىن.

 

 قول ئۇزارتتىڭ ھېيىقماي بىغۇبار پاك بالىغا،

 قويدۇڭ نۇرغۇن ئادەمنى ئېيىتقۇسىز نالىغا.

 تاش يۈرەكمۇ ئىرىيدۇ ئەشۇلارنىڭ زارىغا،

 يۈركۈڭ قانداق چىدىدى سەبىيلەنىڭ ھالىغا.

 

قاغىش ئوقار بارچە ئەل سېنىڭ قىلغان ئىشىڭغا،

 كېلەر ھامان بىر كۈنى قىلغانلىرىڭ بېشىڭغا.

 يالاتقانمۇ زەھەردىن سېنىڭ ئىچىڭ تېشىڭغا،

 ئىشىت كۈنى يار بولسۇن قان ئارلاشسۇن يېشىڭغا.

 

 نۇرغۇن بالا يۈتۈپتۇ سەن ئاپىرىپ ساتتىڭمۇ؟

 ئۈندۈرۈشكە پۇلىنى ياكى بېقىپ ياتتىڭمۇ؟

 ئېيىتقىنە ئەي ھايۋان سەنمۇ بالا تاپتىڭمۇ؟

يارالمىشىڭ سېنىڭكى تۇپراقتىنمۇ تاپتىنمۇ؟

 

 يۈتكەن بالا تۈگمەيدۇ بارماق بىلەن سانىسام،

بىلسەم ئەگەر جايىڭنى سېنى ئىزدەپ تاپسام.

زايا كېتەر بىر پاي ئوق گال پالتىدا چانىسام،

 مەيلى ئىدى بالا ئۈچۈن بۇ جانىمنى ئاتىسام. 

 

 ئادەم دېسەڭ ئۆزۈڭنى يانغىن ماڭغان يولۇڭدىن،

 ئاپەت كەلدى ئاۋامغا سېنىڭ رەزىل قولۇڭدىن.

قان يىغلىدى جامائەت قىلغان قىلمىش زورۇڭدىن،

 قايتۇرۇپ كەل باللارنى گۈل ئۆرۈيلى بويۇڭدىن.

 

2015.7.30





263 قېتىم كۆرۈلدى Elzat0999 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-31 3:09:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-3 0:45:01 ئ‍ابدىسالام
نېم دېيشىمنى بىلەلمىدىم لېكىن ھەقىقەتەنھەقىقەتەن ياخشىياخشى يىزىپتۇ
2015-7-31 23:26:54 xabnam
yahxi yezipez ,rahmat kerndxim.
2015-7-31 18:13:30
yahxi yezilgan. xeer
2015-7-31 10:53:39 hayatyolum
bak esil yezip siz kerindixim
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ