پۇل (شېئىر) - ئابلىكىم

پۇل (شېئىر) 

 ئابلىكىم


نادانلارغا ئۇ بىرمەرتىۋە،
دانا ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەستۇر.
ئەخمەق ئۈچۈن پۇل بولسىلا،
مال مۈلكى بىر-بىرىگە بەستۇر .

ساددىلىقتا پۇلنى چوڭ كۆرگەنلەر،
ئويلاپ باقسۇن بولسا ۋىجدانى.
ئەتراپىمىزغا ھەم قاراپ باقساق،
ئەركەك ئۈچۈن ئۇ قولىنىڭ كىرى.

بەزى كىشىلەر يولدىن چىققاندا،
قويىدىكەن گۇناھنى پۇلغا.
ئەخمەقلەرنىڭ بۇ قىلمىشلىرى،
سېلىپ قويار كىشىنى ئويغا .

ئەمەلىيەتتە پۇلدا گۇناھ يوق،
ئىشلەتسىلا ئۇنى جايىدا.
سىلىسا بېشىنى يېتىم يېسىرنىڭ،
يانچۇقىدا پۇلى بارىدا.


2015-10-23
     





162 قېتىم كۆرۈلدى ablikim5490 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-21 17:27:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ