يىغلاۋاتىمەن
شەمشادبەگ
يىغلاۋاتىمەن،
ئۈنسىز،
ئاۋازسىز،
كۆز ياشلىرىم ئاقماقتا،
يۈزۈمنى بويلاپ،
ئانامنى ئەسلەپ،
سىنى سېغىنىپ،
دوستلارنى يادلاپ.
يۈرۈكۈم زىدە،
ئۈنسىز يىغلايدۇ،
ئۆزىنى ئۆزى،
تاتلاپ تىلغايدۇ،
ياۋا مۈشۈكتەك.
دىدى،
ئەركەكسەن،
ئەرسەن،
يىغلىما،
بوزلىما،
يىغلىسا ئەركەك،
بولمايدۇ دىدى.
نىمە بوپتۇ،
يىغلىسا ئەركەك،
نىمە بوپتۇ،
مەنمۇ يىغلىسام؟
يىغلاۋاتىمەن،
ئۈنسىز،
ئاۋازسىز،
كۆزلەر قۇپقۇرۇق،
بىر تامچە ياش يوق.
يۇقىدى،
تاپالمىدىمغۇ،
ئەمما كۆز ياش يوق،
ئىزدىدىم ھەريان،
كەتتى نەلەرگە،
ئىزدەۋاتىمەن،
ياشلىرىم نەدە؟
توۋلاپ،
ۋاقىراپ،
ئىسمىنى ئاتاپ،
تاپتىم ئاخىرى،
كىرىۋاپتۇ ئۇ،
يۇشۇرۇپتۇ ئۈزىنى،
يۈرەك قېتىمغا،
تىلغاپ،
تىرنىلاپ،
تاتىلاپ،
زىدە قىپتۇ يۈرەكلىرىمنى،
ياۋا مۈشۈك بالىسىدەكلا.
قۇيىۋەت مىنى،
مەيلىمگە بىردەم،
يىغلىۋالاي،
بوزلىۋالاي،
بۇشىسۇن ئىچىم،
سەگىسۇن نىرۋام.
قۇيىۋەتتىم ئاخىر،
ئىخيارىڭ دەپ،
مەيلىڭچە بولسۇن،
يىغڭلاڭغى،
ئەمما يېشى يوق،
قۇپقۇرۇق كۆزنى،
يىغىۋالسۇن،
كۈزۈم،
يۈرۈكۈم،
قانغىچە بىردەم،
ئەسلەپ ئانامنى،
سېغىنىپ سىنى.
-شەمشادبەگ
كېرىيە ئارال شامالباغ
2017-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
2:24تە يېزىلدى، 6:44 تە تۈزۈتۈلدى
504 قېتىم كۆرۈلدى | شەمشادبەگ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-10 15:37:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-14 7:06:23 | مەشقاۋۇل |
بارىكاللا شەمشادبەگ ،قەلەملىرىڭگە بەرىكەت،ئۆزۈڭگە سەۋر بەرسۇن… |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|