يىتىپ كەلدى بىزلەرگە نورۇز - ئابدۇراخمان دانيار

يىتىپ كەلدى بىزلەرگە نورۇز

 

ئابدۇراخمان دانيار

 

 قوياش كەبى ئىللىق نور چىچىپ،

 تۇلۇنئايدەك خۇشچىراي ئىچىپ.

تەبىئەتكە خۇشپۇراق چىچىپ،

 يىتىپ كەلدى بىزلەرگە نورۇز.

ئىتىزلاردا ئەمگەك قاينىتىپ،

 چاھارباغدا قۇشلار سايرىتىپ.

ھەممە جايدا شادلىق ياڭرىتىپ،

 يىتىپ كەلدى بىزلەرگە نورۇز.

 ئۆتۆپ كىتەر زۇلمەتلىك ئاياز،

 ئارقىسىدىن كىلەر ئەمدى ياز.

يولىمىزغا يىشىل پايانداز،

سېلىپ كەلدى سۆيۈملۈك نورۇز.

 تىلەكلەرنى تاتلىق كۈلدۈرۈپ،

 دالىلارغا قىياق ئۈندۈرۈپ.

 يەنە ئۇنى بىزگە سۆيدۈرۈپ،

 يىتىپ كەلدى بىزلەرگە نورۇز.

ئىناقلىقنىڭ ياڭراق كۈيىنى،

مىھىر-شەپقەت ئۆچمەس سۆيگۈنى.

 خۇش تەبەسسۇم ئىللىق كۈلكىنى،

 ئىلىپ كەلدى بىزلەرگە نورۇز.

ئۇ بىر سەنئەت ئىسىل، بەدىئىي،

 يوقالمايدۇ مەڭگۈ ئەبەدىي.

 ھاۋادىكى ئەركە قۇش كەبى،

 مەڭگۆ كۆككە ئۆرلىگىن نورۇز.





91 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇراخمان دانيار ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-15 13:58:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ