ھەيرانىڭمەن
مائىدە ھەسەنجان
كۆپ ئىزدىمە دەيدۇ يايرىم ھەيرانمەن،
كۆپ ئىزلەشكە كۆنەلمەسمىش ھەيرانمەن .
ئۇشبۇ كۆڭلۈم قانداق قويسۇن ئىزدمەسكە ،
ئىغتىيار ئەتمەس يۈرەك ھەيرانمەن .
سەندىكى قانداق سۆيگۈ بىلەلمىدىم ،
ئويلا ــ ئويلا ھىچ بىر جاۋاپ تاپالمىدىم .
ئۆزگلەرگە دەي دىدىم يۇ تىلىم كۆيدى ،
ئۆز يايرىمنى داتلاشنى مەن قىلالمىدىم .
مەن نە قىلاي ئىيتقىنە يار ھەيرانمەن ،
ساڭا كۆيۈپ بۇ كوچىدا سەرسانمەن .
كىچەلمەيمەن ساڭا بولغان دىل رشتىمدىن ،
ئىشقى ئوتى پىراقىڭدا ۋەيرانمەن .
نە سەۋەپ بۇنچە قىلدىڭ بىلەلمىدىم ،
كۆڭۈل سىرىڭ نىمە بولدى تاپالمىدىم .
ئۆزگە يارى بولسا گەر دەپ دىلىم كۆيدى ،
بۇ سۆزنى ئىغىز يىرىپ مەن قىلالمىدىم .
| 166 قېتىم كۆرۈلدى | MaeiDa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-29 0:20:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|