سىغىندىم
مەردانجان ئابدۇرەشىد
سىغىندىم چىۋىقنى ئات قىپ مىنگەننى،
سىغىندىم تام سەكرەپ غورا يىگەننى .
ھەممىگە مىھرىلىك ئەي ئانا دەريا
سىغىندىم دۇم يىتىپ سۇيۇڭ ئىچكەننى .
سىغىندىم قوي باققان ئىتىز قىرلارنى ،
سىغىندىم قارامتۇل پەرى قىزلارنى .
قارايمەن ئۇپۇققا ئۇزاقتىن ،بوۋا ،
سىغىندىم تاپالماي ماڭغان ئىزلارنى .
سىغىندىم ئوستەڭنى ،كەچكەن ئىرىقنى ،
سىغىندىم قوناقنى بۇغداي تىرىقنى .
بىغۇبار بالىلار مىھرى مۇجەسسەم،
سىغىندىم بوۋامغا بەرگەن تىزىقنى .
سىغىندىن سۇڭگۇچتىن كىرگەن باغلارنى ،
سىغىندىم ئۇپۇققا تەڭداش تاغلارنى .
ئەسلىمەم سەرسانە يۇرىمەن ئىزدەپ ،
سىغىندىم ئوتمىشىم كەچكەن چاغلارنى .
سىغىندىم ئانامنىڭ مۇڭلۇق كۇيىنى ،
سىغىندىم يۇرتۇمنىڭ زەم-زەم سۇيىنى .
كىلىشكەن چىرايلار ،مىھىرسىز يۇرەك،
سىغىندىم بوۋامنىڭ قورۇق يۇزىنى .
سىغىندىم شورلاشقان تۇزلۇق كوزىنى،
سىغىندىم مومامنىڭ زەيلىك ئۆيىنى .
بىنالار ئىگىزلەپ، كۆڭۇللەر پەسلەپ،
سىغىندىم،توپىلىقتا يىگىت تويىنى .
سىغىندىم ۋاشاڭلاپ ئۇزگەن سويمىنى ،
سىغىندىم قۇشلارنى، قويغان ئۇۋىنى .
كوڭۇللەر مىھىرسىز ئويلەر ئازادە ،
سىغىندىم تۇگمەننى،مەينەت جۇۋىنى .
سىغىندىم پىلىلداپ كويگەن چىراقنى ،
سىغىندىم كورۇمسىز كەيگەن چورۇقنى .
«مىزىلىك»پۇراقتىن كوڭۇللەر خامۇش ،
سىغىندىم مىھنەتتىن چىققان پۇراقنى .
سىغىندىم بوۋامنىڭ ماڭغان يولىنى ،
سىغىندىم مومامنىڭ مۇڭلۇق كوزىنى .
پاختىدەك قوللاردا تۇرار ئالۋاستى ،
سىغىندىم دادامنىڭ قاداق قولىنى .
سىغىندىم مىھىرلىك سىغىز ئۇپىنى ،
سىغىندىم يۇرتۇمنىڭ غورگۇل كۇنىنى .
نەمۇقام نە سازلار كەتكەن ئارلىشىپ ،
سىغىندىم ئانامنىڭ ئەللەي ئۇنىنى .
سىغىندىم يىشىللىق، ئىس تۇتەك جاھان،
سىغىندىم جاڭگالنى ئۇزگەنمەن كامان .
خۇشاللىق قىممەتكەن رەڭدار شەھەردە،
سىغىندىم قىشلاقنى ئوتكەچ شادىمان .
سىغىندىم يايرىمنى قىنىپ سۆيۇشنى،
سىغىندىم سەھرادا قىنىپ كۇلۇشنى.
سەھراھىي قىيامەت دەيدۇ بەزىلەر ،
سىغىندىم جاپادا خۇشال ئۆلۇشنى .
سىغىندىم بىلىقتەك ئۇزگەن كۆللەرنى ،
سىغىندىم گىياھسىز چاڭقاق چوللەرنى .
ماشىنا شاۋقۇنى ھەممە جان بىزار،
سىغىندىم ئات مىنگەن جىمجىت دوڭلەرنى .
سىغىندىم كالىنى ، ئىشەك ھارۋىنى ،
سىغىندىم ئورمىنى، ئورغاق ئارىنى .
نىھمەتلەر مولاشقان ، داستىخان ئالدىدا،
سىنغىندىم قىينىلىپ يۇتكەن زاغرىنى .
سىغىندىم بالامغا قاراپ ئال باشنى،
سىغىندىم سوزماقنى، ئارقان ئاتلاشنى .
ۋاللەي توۋلاش، بالچۇق ھەم، يەنە پاخپاق ،
سىغىندىم تالاشتا يىگەن كوكباشنى .
سىغىندىم مەشرەپتە يانغان چوغلارنى ،
سىغىندىم يايلاقتائۆسكەن ئوتلارنى .
ئەتراپتا قاڭسىق ئىس ،كوزلەر ياشاڭغۇ ،
سىغىندىم شامالدا ئۇچقان توپىلارنى .
2016.7.19 ئۇرۇمچى
| 96 قېتىم كۆرۈلدى | raheme | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-19 3:48:09 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|