سەن ئۈچۈن

سەن ئۈچۈن

 

 ئابلىكىم ئابدۇساتتار

 

سەييارىم سەن گوياھ كۆكتىكى يۇلتۇز،

تۈنلەردە كۆز قىسىپ چوغسىمان يانغان.

 سەييارىم سەن گوياھ سۈپسۈزۈك شەبنەم،

 سۈبھىدە ياپراقلار مەڭزىگە تامغان.

 

 سەييارىم سەن گوياھ قىزىل ئەتتىرگۈل،

ئىچىلىپ گۈلزارداخۇشپۇراق چاچقان.

 سەييارىم سەن گوياھ ياپيىشىل يايلاق،

چەۋەنداز يىگىتكە كەڭ قۇچاق ئاچقان.

 

 سەييارىم سەن گوياھ مىنىڭ كۆلەڭگەم،

ئايرىلماي ئۆتەيلى بىر ئۆمۈر ھامان.

 سەييارىم مەن گوياھ نەۋقىران چىنار،

 ئۇۋاھ سال باغرىمغا سۆيۈملۈك سەييار.

 

(خاتىرەمدىن بىر شىئېر) 2016-يىلى-16-دىكابىر AS





152 قېتىم كۆرۈلدى Akax921015 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-21 1:42:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ