جىنايەت (شېئر)
بەختىم
نى كۈلپەتلەر كەلسە باشقا ياش تۆكمىگىن كۆزۈڭدىن،
باسقان خاتا قەدەمدىن ھەم نەپرەتلەنمە ئۆزۈڭدىن.
مېڭىۋاتقان يولۇڭدا گەر يىقىلساڭ پۇتلىشىپ،
مەيۈسلەنمە ئەركەكتەك دەس تۇرىۋال ئىزىڭدىن.
تاغ داۋان كۆپتۇر سىنىڭ مېڭىۋاتقان يولۇڭدا،
دۈشمەنلىرىڭ كولايدۇ ئورا سەن كۆرمىگەن بۇلۇڭدا.
گەر بولسىمۇ چېقىر تىكەن مەغرۇر ماڭغان پۇتۇىدا،
ئېگىز كۆتەر ۋىجداننىڭ بايرىقىنى قولۇڭدا.
كۆرۈپ تۆت تال تەڭگىنى گۇناھقا باشچىلاپ پاتتۇق،
ئۆزىمىزنىلا ئېپ كىرمەي ئۆزگىنىمۇ تەڭ چاتتۇق.
بالىلارغا جىنايەت يوللىرىنى كەڭ ئاچتۇق،
گويا تەڭرىم ئەمادەك مەسئۇليەتتىن ھەم قاچتۇق.
ئىگىسى بار ھەر جاننىڭ ،ئۇچار قۇش،گۈل گىياھنىڭ،
ئىچكەن يۇتۇم سۇ ھەتتا تىنغان ھەر بىر تىنىقنىڭ.
پۇراپ تۇرار ھەر ۋاقىت مۇدھىش ھىدى ئەجەلنىڭ،
جاۋاپ بېرىمىز بىر كۈن دەرگاھىدا تەڭرىنىڭ.
چىقتى بوران،كىردى توپا قىلدى قارغۇ كۆزۈمنى،
كۆپ ئىدى بىراق ئىچىمدە قالدى ئېيتالمىدىم سۆزۈمنى.
سۆزلىسەم تالاي تالاي ئىچىمدىكى ئەلەمنى،
شۇڭا ئاستا توختاتتىم قولۇمدىكى قەلەمنى.
ۋۇخەن 2016.11.27
145 قېتىم كۆرۈلدى | بەختىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-27 23:28:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-3 22:16:46 | ھىلال |
بەك پەيزى بوپتۇ ،مەنىلىككەن ،تېخمۇ تىرشىڭ |
2016-12-1 21:04:43 | ئەلقەم |
ئىتايىن ياخشىچىقىپتۇ قەلىمىڭز ئۆتكۇركەن تىخىمۇتىرشىڭ قىرىندىشىم |
2016-11-30 15:05:20 | ayimgvl0509 |
بەك ياخشى يېزىپسىز |
2016-11-30 0:11:39 | ھىلال |
ياخشى بوپتۇ ،تىرشىڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|