خوشامەتچى
خوشامەتچى

 شېئىر

 رامىلە ئ‍ەركىن ئ‍ىزدەن  

جاھان بابىنى خاراپ قىلدىڭ تىلى شېكەر خوشامەتچى ، 
ئۇرۇق -تۇغقان دوست -يارەننى يىراق قىلدىڭ خوشامەتچى . 
ئاجىزلارنى كۆزگە ئىلماي كۈچلۈكلەرگە يىقىلىپ ، 
ئادىمىيلىك گۈللىرىنى دەسسەپ ئ‍ۆتتۈڭ خوشامەتچى .  

ھەقنى ناھەق ئ‍الدىدا ئ‍ىگىلدۈرۈپ سۇندۇرۇپ ، 
روھى گاداي گالۋاڭلارنى ئ‍ەزىز قىلدىڭ خوشامەتچى . 
ئ‍اۋام ئۈچۈن ئ‍ەڭ ئ‍الدىدا مەيدە كېرىپ ماڭغانلارنىڭ ،
 پۇتلىرىنى يالغانلاردا چېپىۋەتتىڭ خوشامەتچى .

 ئ‍ۆز نەپسىڭگە چوغ تارتىپ ئ‍ەل رىسقىنى كېمەيتىپ ،
 شۇ چوغۇڭدا ۋىجدانىڭنى كاۋاپ قىلدىڭ خوشامەتچى .
 ھەربىر قەدەم مېڭىشىڭدا گۈل -چىمەننى دەسسەپ يانجىپ ،
 ئ‍ۇنى ئ‍ازدەپ شۇملۇق ئ‍ۇرقى چېچىپ ئ‍ۆتۈڭ خوشامەتچى .

 ھاياتىڭدا مەنسەپ ئۈچۈن نومۇسۇڭنى قايرىپ قۇيۇپ ، 
مال -دۇنياغا ھاياتىڭنى تىكىپ قويدۇڭ خوشامەتچى .
 بىچارە شۇ يوقسۇللارنىڭ ئازغىنە ئ‍ۈلۈشىدە ،
تۇرمۇشۇڭنى بۇ دۇنيادا راۋاج قىلدىڭ خوشامەتچى .  

بىلسەڭ ساڭا ھارامدۇر بۇدۇنيانىڭ ھاۋاسىمۇ ، 
بۇلغاۋەرمەي بىزنىمۇ ھەم ئۆلۈپ كەتكىن خوشامەتچى .
 ئ‍ەل -ئ‍اۋامنىڭ قارغىشى تېگىپ ساڭا ئ‍وقيا بولۇپ ، 
ئ‍ۇ دۇنيانىڭ دەۋزىخىدا كۆيۈپ كەتكىن خوشامەتچى .

 2015-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى




180 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 3:35:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-6-18 18:57:49 نۇرمۇھەممەت .مۇسا
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ .
2015-7-30 23:27:55 .yusup qan
Naha yiti yahxi yizilip tu dostum zehnigiz uquk bolsun,
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ