سەھرالىقنى پەس كۆرمىگىن

سەھرالىقنى پەس كۆرمىگىن

 

ئ‍اپتورى: ھەزرەتئېلى سەمەت

 

نادان كۆرۈپ كۆڭلۈڭنى سەن غەش قىلمىغىن،

 تەقى-تۇرقى مەينەت بولسا پەس كۆرمىگىن.

 ئەجىر قىلىپ ساۋاپ قىلغان ئىشلىرىدىن ،

 قۇسۇر ئىزدەپ غەيۋەت قىلىپ نەس كۆرمىگىن.

 

 سىنى ئىزدەپ ياردەم سوراپ كېلىپ قالسا،

 ئېلىپ قاچما سەن ئۇنىڭدىن ئۆز-ئۆزۈڭنى.

بىز ھەممىمىز ئوخشاش تۇرساق بىر مىللەتتىن،

 قىلما ئى جان! ئالايلىتىپ قاش كۆزۈڭنى.

 

 مېھمان بولۇپ ئۆيگە بارساڭ سەھرالىقنىڭ،

 قويىدۇ ئۇ داستىخانغا مېۋە-چىۋە.

 كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن مېھمانلارنىڭ،

 زابايلاردەك تىزمايدۇ ئۇ ھاراق-پىۋە.

 

 سەن ئۆزۈڭمۇ ئەۋلادىسەن سەھرالىقنىڭ،

 ياشاپ ئۆتكىن ئۇلار بىلەن ئىناق بولۇپ.

 دىلىمىزنى بىرلىك قىلىپ دوس بولايلى،

 ئۆتسۇن ئۆمۈر كۆڭۈللەرگە شادلىق تولۇپ.





364 قېتىم كۆرۈلدى xohyigit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-30 21:59:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-28 2:31:39 G
ھەزرتېلى سزنى داۋاملق قوللايمز،ترشڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ