ئەلۋىدا يارىم

         ئەلۋىدا يارىم
مەمەتجان سەمەت

كەمبەغەل دەپ ياراتماي مېنى،
بەرمەس بوپتۇ قوشۇلماي سېنى.
بولماس بولدى تويىمىز ئەمدى،
خوشلىشايلى   ئەلۋىدا   يارىم.

نامراتلىقىم  بولغاچقا  ئىۋەن،
پۇت قولۇمغا سېلىندى كىشەن.
ئامالىم يوق رەنجىمەي چۈشەن،
خوشلىشايلى   ئەلۋىدا   يارىم.

ئۈزۈلمەيتى  ئەسلى رىشتىمىز،
بەك چىڭ ئىدى قىلغان ۋەدىمىز.
قوشۇلماپتۇ  بىزنىڭ رىسقىمىز،
خوشلىشايلى   ئەلۋىدا   يارىم.

بەخت تىلەپ قوياي مەن ساڭا،
سەنمۇ  بەخت   تىلىگىن  ماڭا.  
كۆزلەر مەڭگۈ تولمىسۇن ياشقا،
خوشلىشايلى   ئەلۋىدا   يارىم  

 مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589

   





252 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-25 12:04:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ