قىلىشمايلى يۇرتۋازلىق
قەلبىنۇر ياسىن
ئۈندىداردىن نېمىشقا ياخشىلىقنى تاپمايمىز،
كولاپ خەقنىڭ قۇڭىنى زادى ئارام بەرمەيمىز.
ساۋاپ ئىشنى قىلغاننى ئازراق قوللاپ قويمايمىز،
تۈگمىچىلىك ئىشلارنى تۆگە قىلىپ داتلايمىز .
ئۈندىدارنى تۇققانلار يولى بىلەن ئوينايلى ،
بەك بولمىسا زادىلا نوجىيالا تۇتايلى.
سەن ئۇيەرلىك بۇيەرلىك ئازاربېرىپ ئۆز -ئارا ،
ساپاسى يوق ئادەمدەك نادانلىقتا يۈرمەيلى.
كۈنلە بولدى بىلمىدىم ئۈندىداردا جېدەللە،
قايناپ كەتتى بىردىنلا ئۇخلاپ ياتقان ۋىجدانلار.
يانار تاغدەك پارتىلاپ، قايناپ كەتتى شۇدەملە،
دات - پەرياتقا تولۇپتۇ مۇنبەر، توربەت، سالونلار.
ئۈرۈمچىلىك ۋە ياكى نەلىك بولسا نىم بوپتۇ،
بىزدىن باشقا ھەممىسى ئىناقلىقتا ئۆم بوپتۇ .
بىزمۇ ئەسلى شۇنچە ئۇز پەزىلەتلىك بىر توپقۇ،
قەۋىم قېرىنداش ھەممىمىز قىلىشمايلى يۇرتۋازلىق .
يوقتى بىزدە ئەسلىدە بۇنچە ناچار ئىللەتلەر ،
كۆزتەگدىمۇ بىلمىدىم بىزدەك ئېسىل مىللەتكە .
ئۈرۈمچىلىك، غۇلجۇلۇق ،قەشقەر،خوتەن يۇرت ئايرىپ،
قېرىنداشلىق مېھرىنى قايرىپ قويدۇق بىر چەتكە .
كۆرۈپ ئۇشبۇ ھالىمىز ئېچىندىمغۇ ھەممىگە،
شۇڭا سالاي دېدىمغۇ تۇققانلارنىڭ سەمىگە .
قەيەردىنلا بولايلى قېرىنداش بىز ھەممىمىز ،
يىراق تۇرۇپ پىتنىدىن قىلىشمايلى يۇرتۋازلىق .
قەيەرلىكلا بولايلى بولدى قىلغىن ئەمدى بەز،
بىزھەممىمىزبىرمىللەت بىربىرىمىزگە مېھرى قەرز .
دىل ئازارى دەپتىكەن بۇلۇرخۇدا بىزارى ،
قېرىنداشقۇ ھەممىمىز قىلىشمايلى يۇرتۋازلىق .
2015.10.13
| 301 قېتىم كۆرۈلدى | قەلبىنۇر ياسىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-10-13 15:12:52 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|