راۋاج تاپسۇن ئانا تىل
(دۇنيا ئانا تىل بايرىمىغا بېغىشلاپ)
تاجىنىسا نەمەت
ئانا تىلىم - ئۇيغۇرنىڭ تىلى،
دۇر-پاساھەت تۆكۈلۈپ تۇرغان .
كىملىكىمنى قىلىپ نامايان ،
قامۇس-"دىۋان" پۈتۈلۈپ تۇرغان .
شۇ گۈزەل تىل بايلىقىم بولغاچ،
بوپ قالماسمەن ھەرگىز بىزۇۋان .
باقسام ئەپۇس ، ئەتراپقا تەھقىق،
ئۆزلەشتۈرمە ئىبارىلەر جىق .
تۇرۇپ ئويلاپ ، ھەيران بولىمەن ،
بوپكەتتۇقمۇ ئۆز تىلغا پىخسىق .
تۇرسا گۈزەل ئانا تىلىمىز ،
"ئىسلاھ" قىلىپ يۈرسەك نە قىلىق ؟؟ ...
چوڭ قوشۇلۇش دەۋرىدۇر بۈگۈن،
كۆپ خىل تىلنى ئۈگەنمەي بولماس .
كۆپ تىل بىلىش شەرەپلىك، ئەمما -
ئانا تىلدىن چەتنىسەك بولماس .
ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرچە بىلمەي ،
بوپ قالمايلى ، "مۆڭ" قەغەز يولۋاس .
ئانا تىلنى قوغداش كېرەك ! دەپ ،
يەر شارىدا قوزغالدى غەليان .
سۆزلىسەممەن ئۇيغۇر تىلىدا ،
خۇش بۇلبۇلدەك چىقتى بۇ زۇۋان .
ئىشلىتىلىپ راۋاج تاپسۇن تىل ،
ئۇيغۇر تىلىدا كۆتۈردۈم چۇقان !
| 171 قېتىم كۆرۈلدى | Sarwi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-21 8:11:21 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|