سۆيۈشنى بىلىۋال (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 سۆيۈشنى بىلىۋال
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

سۆيۈشلەرنى بىلەلمەي،سۆيۈلۈشنى دىمىگىن،
مېھىرلەرنى بىرەلمەي،قۇچاقلاشنى تىلىمىگىن،
گۈللەر پەرۋىش قىلالماي،پۇرىۋالاي دېمىگىن،
ئەجىرلەرنى قىلالماي،ھوسۇل ئالاي دەپ ئويلاپ،
توغرا قەدەم ئالالماي،ئوسال بولۇپ قالمىغىن.

چۈشلىرىڭدىن خۇش بولۇپ،نادانلىقنى قىلمىغىن.
پەزىلەتنى ئويلىماي،ئىناقسىزلىق قىلمىغىن،
ئاتا-ئاناڭ،قېرىنداش،خۇلوم-خوشنا تۇغقىنىڭ،
خىزمەتدىشىڭ،دوستلۇرۇڭ،قوللاپ تۇرغىن،گۈل سۇنغىن.
نۇرلار يېقىپ دىللارغا،ئەۋلاتلارنى ئويلىغىن.

سۆيۈپ ياشا ئۆزۈڭنى،بولۇپ قالما خىجالەت،
مۇقۇملۇقنى بىل ئەۋزەل،ئىناقسىزلىق بىل ئاپەت،
ئومۇملۇقنى كۆزلىگىن،تەرغىپ قىلما شەخسىيەت،
قەدىرلېگىن ئاناڭنى،سۆيۈپ ياشا ۋەتەننى،
قول تۇتۇشۇپ ياشايلى،بولۇشمايلى بەت-نىيەت.

سۆيۈشلەر

پەرزەنتلىرىنى سۆيمىگەن ئادەم شەپقەتسىزدۇر،
ئاتا-ئانىسىنى سۆيمىگەن ئادەم ۋىجدانسىزدۇر،
قېرىندىشىنى سۆيمىگەن ئادەم كۆيۈمسىزدۇر،
ئۆز جۆرىسىنى سۆيمىگەن ئادەم ۋاپاسىزدۇر.

ئۆز كەسپىنى سۆيمىگەن ئادەم پەزىلەتسىزدۇر،
خوشنىسىنى سۆيمىگەن ئادەم ئىتتىپاقسىزدۇر،
دوستلىرىنى سۆيمىگەن ئادەم نۇمۇسسىزدۇر،
مائارىپنى سۆيمىگەن ئادەملەر مېھىرسىزدۇر.

ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلمىگەنلەر ئەقىلسىزدۇر،
يۇرتىنى سۆيمىگەن ئادەم مەسئۇلىيەتسىزدۇر،
مىللىتىنى سۆيمىگەن ئادەملەر رەھىمسىزدۇر،
ۋەتىنېنى سۆيمىگەن ئادەم،ئادەم ئەمەستۇر.
     





75 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان( كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-11 10:27:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ