چۈش بولۇپ قالسۇن - ياسىنجان قادىر

چۈش بولۇپ قالسۇن 

 ياسىنجان قادىر

بىكار قېلىپ زېرىكىشىم چۈش بولۇپ قالسۇن،

ھەسرەتلەردە ئاھ ئۇرۇشۇم چۈش بولۇپ قالسۇن،

ئۇنۇتتۇم دەپ يۈرۈشلۈرۈم چۈش بولۇپ قالسۇن،

ئازابلىنىپ كۈلۈشلۈرۈم چۈش بولۇپ قالسۇن،

خۇشاللىقتا يىغلاشلىرىم چۈش بولۇپ قالسۇن.


توغرا يولدىن ئازدىم ئۆزۈم ،تۈپتۈز ماڭالماي،

ئازدىمغۇ شۇنداق مەن ئۆزۈمنى باشقۇرالماي،

ئېتىقادىم بىرلە ئەقىدەمدە چىڭ تۇرالماي،

كىملىكىم يەنە ئۆزلۈكۈمنى مەن تاپالماي،

شۇندا خار-زار ئىزدەشلىرىم چۈش بولۇپ قالسۇن.


ئارزۇ-ئۈمۈد ئارمانلىرىم كۈل بولۇپ كەتسە،

قەدەملىرىم چىركىنلىكتە چېكىگە يەتسە،

ھالىم خاراب ، يىغلاشلاردا ياشلىرىم تۈگسە،

شۇندا يەنە دوستۇم كېلىپ سوغاق سۇ سەپسە،

سوغاق سۇدا تىترەشلىرىم چۈش بولۇپ قالسۇن.


قارىغۇ بولدى كۆزۈم، يوللاردىن ئېزىپ كەتتىم،

قۇلۇقۇم ئاڭلىماس يەنە ، مەن بۇنى بىلىپ يەتتىم،

پۇتلۇرۇم مېنىڭ ئەمەس، دەلدەڭشىپ مېڭىپ كەتتىم،

ئەل-يۇرتۇم ھەم قان-قېرىنداشتىن  تېنىپ كەتتىم،

ئەنە شۇنداق تېنىشلىرىم چۈش بولۇپ قالسۇن.


قاۋاقخانا،مەيخانا تامان  چېپىشلىرىم،

نە ئۇيۇن نە تاماشا،ئىزدەپ بېرىپ تېپىشلىرىم،

قۇي ھاراق دەپ،ئاچچىق تاماكا چېكىشلىرىم،

مەست بولۇپ،خۇمارلىقتا قوشاق قېتىشلىرىم،

قاتقان ئاشۇ قوشاقلىرىم چۈش بولۇپ قالسۇن.


چۆچۈپ ئويغۇنۇپ،قاتتىق يىغلاپ كەتكەنلىرىم،

توختاپلا يەنە ،تاتلىق ئۇخلاپ كەتكەنلىرىم،

چېكىگە يەتتى مېنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىم،

پۇشايمان،ئۆرتۈنىش بۇ بىلىپ يەتكەنلىرىم،

ئەنە شۇنداق ئۆرتۈنۈشۈم چۈش بولۇپ قالسۇن.


شۇڭقار بولۇپ ئۇچسام ، ئىشەنچ مېنىڭ قانىتىم،

ئويغۇنۇپ دەست تۇرسام ،تاغدەك بولۇر قامىتىم،

تاشلاپ ئەمدى، ئۆزگەرتىمەن ناچار ئادىتىم،

بولدى بەس سۆزتامام، قۇرسۇن مېنىڭ ئاپىتىم،

ئاپەتلىرىم غەپلەتلەردە چۈش بولۇپ قالسۇن.


11-ئاي

     





179 قېتىم كۆرۈلدى 1838207873 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-15 22:21:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ