بىلىدۇ
ئابدۇۋارىس ئوسمان
شائىر دائىم سۆزلەپ ئۆتىدۇ ،
ئاتىلارنى كۈيلەپ ئۆتىدۇ .
ئانا دەپمۇ كۈيلەپ ئۆتىدۇ ،
گاھى ئۇلار يىغلاپ ئۆتىدۇ .
ئاتا-ئانا قەدرىنى پەقەت ،
يىتىم بولۇپ قالغان بىلىدۇ .
شائىر گاھى دېھقان بولىدۇ ،
دېھقانلارغا ھەمدەم بولىدۇ .
دەت بىلەن دېھقان كۈلىدۇ ،
يېزىپ چىقسا دېھقان دەردىنى.
بىر كىتاپمۇ تېزلا پۈتىدۇ ،
دەتنى دېھقان بولغان بىلىدۇ.
بۇ ھاياتلىق تېزلا تۈگەيدۇ ،
رەھىم قىلىپ ئۆتۇپ كەتمەيدۇ .
ياش-قېرىدەپ ئايرىپ يۈرمەيدۇ ،
بىلگەنلەر ئۆزىنى تۈزەيدۇ .
بۇنى پەقەت ئۆزىنى تۈزەپ ،
ھەقتە چىڭ تۇرغانلار بىلىدۇ .
كۈلۇپ ياشاش مۇمكىن بولمايدۇ،
ھەم يىغلاپ ئۆتكىلى بولمايدۇ .
ھايات ئىنسان دائىم سىنىلدۇ ،
سىناقتا ئىنسان ئايرىلىدۇ .
ئادەملىرى مەڭگۈ كۈلىدۇ ،
بۇنى پەقەت ئادەم بىلىدۇ .
دۇنيانىڭ شۇنداق ئازابى بار ،
قاتتىق ئايرىلىش كۈنىمۇ بار .
لەززەتلىك ۋە مۇھاببىتى بار ،
دىسەم شۇنداق دۇنيادا بىز بار .
ھەرخىل سىناق بېشىمىزدا بار ،
ئىنسان باشقا كەلسە بىلىدۇ .
يۈگرەش تەس دەپ يازغان ئادەم يۈگرەشنىڭ تەسلىكىنى يۇگرەۋاتقان ئادەمدەك بىلمەيدۇ، ئاھ ئانام دەپ ئازاپلىنىپ ناخشا ئېيتقان ئانىسىدىن ئايرىلغان ئادەمدەك ئازاپنى بىلمەيدۇ، يىغىپ ئېيتقاندا ھەر ئادەم بېشىغا كەلگەندە بىلىدۇ!
| 50 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-27 8:16:14 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|