سىنى ئەستىن كۆتەرگىنىم يوق (شېئىر) - ئابدۇسالام ئابدۇللا

سىنى ئەستىن كۆتەرگىنىم يوق

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


بۇ قەلبىمنى مەنلا بىلىمەن,ئىككنچىسى يوق،
كۆزى كۆرسىمۇ جىسم بىلمەس قەلبمنى تۇللۇق.
كۆرگەندۇ يا يۈرەكىمنى مەيدەم ئاچسا يۇچۇق،
ئىشەنمە ياتقا,سىنى ئەستىن كۆتەرگىنىم يوق.

خوشلۇقدۇر سىنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرمىقىم،
بىلىمەن,سىزىلمەس ساڭا جاھاندا يوقلۇقىم.
مەيلى,خوشلۇقۇڭدۇر مېنىڭ كۆڭۈل توقلۇقىم،
ياشنا ئاداققا,سىنى ئەستىن كۆتەرگىنىم يوق.

تەغدىر ئاچچىق,ئۇنڭغا قارشى مادارىم ئاجىز،
ئىچىمدە يىغا,لېۋىم كۆكۈرۈپ تەلەتىم قانسىز.
ئەمما مەن بىتەلەي بۇ كۈلپەتكە ئەسلا چارسىز،
پاتساممۇ پىراققا,سىنى ئەستىن كۆتەرگىنىم يوق.

2017-يىلى 21-مارت
     





20 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-22 10:04:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ