تۇغۇلغان كۈن قەسىدىسى (شېئىر) - شرمۇھەممەد.سەيياھ

تۇغۇلغان كۈن قەسىدىسى (شېئىر) 

 شرمۇھەممەد.سەيياھ


 خۇشالمەن كۈلكىگە تويۇندۇم بۈگۈن،
ئاغىنە دوسلۇرۇم مەن ئۈچۈن بەركەت.
تەۋەللۇت بولغانمەن بۇ ئۇلۇغ كۈندە،
سۆيۈملۈك ئاتامغا—ئانامغا رەھمەت.

دۇمۇلتۇپ زىمىنغا مىنى يەتتە رەت،
ئاتاممۇ—ئاناممۇ دېدى شاتلىقىم.
بولسۇن دەپ ئەل—يۇرۇتقا ئالەمگە ئوغۇل،
بولدۇم مەن ئوغلىمەن بولدۇم ئابلىكىم.

ئاسماندا بولسىمۇ ساناقسىز يۇلتۇز،
ۋە لىكىن چاچالماس ئايچىلىك بىر نۇر.
بۇ كۈندە سوۋغىدۇر مەن ئۈچۈن قۇتلۇق،
ئامرىقىم، شاتلىقىم، گۈزۈلۈم ئاينۇر.

2016.12.20     





186 قېتىم كۆرۈلدى xirmamat ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-25 14:26:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ