ئەقىدەم
كۆزلىرىڭ ئوت كەبى ، يانار ئۇچقۇنداپ،
كىرپىكىڭ ئوق كەبى، كېلەر كۇچ ئۇلاپ.
نىگارىم سەن، بۇ دۇنيادا يەككە يىگانە،
كەتتىڭغۇ چوڭقۇر يۈرەكىمگە ئورناپ.
يەككە سەن يىگانە ، دۇنيادا بىرلا،
يۈرەكتە سەنلا بار ، پەقەت بىر سەنلا.
قاچانلار ئاختۇرساڭ ، چوڭقۇر يۈرەكنى،
چىقىدۇ يۈرەكتىن ،ئوخشاش بىر ساددا.
ئۆتتۇققۇ ئۇزۇندىن، بىرگە بولۇپ بىز،
نە قىسمەت ئاپەتكە ،ئەگمىدۇققۇ تېز.
تېز ئەگمەي ئۆتتۇققۇ ، ئۇزۇندىن بۇيان،
بۇ دۇنيا بولمايدۇ ، شۇنداق بەك تەڭسىز.
كېلىۋەرمەس بۇ باشقا، بالايى ئاپەت،
ھامان كىلەر بىر كۇن ، شادلىق ۋە ئامەت.
ئۈمىد بىلەن ياشايلى ، باش ئەگمەي شۇنداق،
ئۈمىد ئارزۇ ئېلىپ كەلگەن بولۇر شۇ ئامەت.
ئابلىمىتجان ۋاھاپ
| 41 قېتىم كۆرۈلدى | tanhaturna | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-7-1 6:38:27 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|