ئەقىدەم

         ئەقىدەم

كۆزلىرىڭ ئوت كەبى ، يانار ئۇچقۇنداپ،
كىرپىكىڭ ئوق كەبى، كېلەر كۇچ ئۇلاپ.
نىگارىم سەن، بۇ دۇنيادا يەككە يىگانە،
كەتتىڭغۇ چوڭقۇر  يۈرەكىمگە ئورناپ.

يەككە سەن يىگانە ، دۇنيادا بىرلا،
يۈرەكتە سەنلا بار ، پەقەت بىر سەنلا.
قاچانلار ئاختۇرساڭ ، چوڭقۇر يۈرەكنى،
چىقىدۇ  يۈرەكتىن ،ئوخشاش بىر ساددا.

ئۆتتۇققۇ ئۇزۇندىن، بىرگە بولۇپ بىز،
نە قىسمەت ئاپەتكە ،ئەگمىدۇققۇ تېز.
تېز ئەگمەي ئۆتتۇققۇ ، ئۇزۇندىن بۇيان،
بۇ دۇنيا بولمايدۇ ، شۇنداق بەك تەڭسىز.

كېلىۋەرمەس بۇ باشقا، بالايى ئاپەت،
ھامان كىلەر بىر كۇن ، شادلىق ۋە ئامەت.
ئۈمىد بىلەن ياشايلى ، باش ئەگمەي شۇنداق،
ئۈمىد ئارزۇ ئېلىپ كەلگەن بولۇر شۇ ئامەت.

ئابلىمىتجان ۋاھاپ
     





41 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-7-1 6:38:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ