كۆرىۋالاي ئانامنى - ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى

كۆرىۋالاي ئانامنى 

ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى


 ئېھ رەببىم بىر پۇرسەت بەرگىن كۆرىۋالاي ئانامنى،
مىھرىگە قاناي جان يايرىسۇن سۈيىۋالاي ئانامنى.
ئانام كەبى چۈشەنگەيمۇ سورىغاي دەردىمنى كىم؟
چىڭ قۇچاقلاپ باغرىمغا ئاھ! بېسىۋالاي ئانامنى.

گۆدەكلىكىم يوقالدى مانا بۈگۈن ئەر بولدۇم،
مىنى كۈتكەن شۇ ئانامدەك كۈتىۋالاي ئانامنى.
ئەلەي كۈيى ياڭراتقان تۈندە ئەسلا ئۇخلىماي،
مەنمۇ بۈگۈن كۈيلۈرۈمگە بىر  قېتىۋالاي ئانامنى.

بارلىقىمنى بېرەي ساڭا بولساممۇ گەر دىۋانىمەن،
راسلا مۇمكىن بولسا ئەگەر  سېتىۋالاي ئانامنى.
پۇتلۇرۇم مەيلى تالسۇن مەيلى يەلكەم بولسۇن يېغىر،
مەككىلەرگە يەتكۈزگىچە مەن يۈدىۋالاي ئانامنى.

     





220 قېتىم كۆرۈلدى xamxiri ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-7 0:33:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-12 12:26:50 دىلبەر
بەك ياقتۇردۇم👍
2016-11-9 16:37:14 رانىيە.
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.شەخسەن مەن بەك ياخشى كۆردۈم بۇنى.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ