سەن ئۈچۈن (ناخشا تىكىستى) - مىرزەكىم مىرغىياس

سەن ئۈچۈن (ناخشا تىكىستى) 

 مىرزەكىم مىرغىياس


بېرەلمىدىم ئۆزگە بىر رەت كۆڭلۈمنى.
يارالغاندەك بۇ دۇنياغا سەن ئۈچۈن.
ئايرىلمايلى ئەجەل يەتسىمۇ جانغا.
تاتقان ئازاب كۈلكىلەرىم سەن ئۈچۈن ·

چۈشەنسەڭ سەن ئۆز يارىڭنىڭ كۆڭلىنى.
ئوت سۇغىمۇ بىللە كىرەر سەن ئۈچۈن.
سۆيگۈ سوراپ تەلپۈنگەن شۇ كۆڭلۈڭگە.
پاك سۆيگۈمدىن گۈللەر تۇتاي سەن ئۈچۈن.

مەنسىزدۇر سەنسىز ماڭا بۇ دۇنيا.
ئازابتىمۇ بىللە ئۆتەي سەن ئۈچۈن.
ئايرىلمايلى ئەجەل يەتسىمۇ جانغا.
تائابەتلىك مۇھەببىتىم سەن ئۈچۈن.

ئاپتورى: مىرزەكىم مىرغىياس





651 قېتىم كۆرۈلدى مىرزەكىم مىرغىياس ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-19 4:59:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-21 21:10:37 ت تەلكى
تىرىشقىن ئاغېنەم
2017-2-21 21:02:58 ئابدىرىشىت
بەك ياخشى چىقىپتۇ تىخىمۇ تىرىشقىن ئاغىنەم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ